تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن شاخ - يوپۇرماقلار بۈك - باراقسان ئۆسەلەيدۇ»

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ پېڭ، تاڭ شىڭ، يەن رۈي

خېجې مىللىتىنىڭ يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى، يېشى 60تىن ئاشقان ۋۇ گۇيفېڭ ھەر قېتىم يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىنى ئېيتقاندا، ھەمىشە ئالتە يىل بۇرۇنقى ئاشۇ ئالاھىدە كۈننى ئەسكە ئالىدۇ.

2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ يېزىسىنىڭ باچا كەنتىگە كەلدى.

خېجې مىللىتىنىڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خېجې مىللىتىنىڭ يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىسى بويىچە تەربىيەلەش ئەھۋالىنى كۆردى... باش شۇجى شى جىنپىڭ خېجې مىللىتىنى تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى مول، بولۇپمۇ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى ئۈستۈن، نەقىش سەنئىتى نەپىس، يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىسى ناھايىتى يېقىملىق، دەپ تەرىپلىدى.

يىماكەن خېجې مىللىتىگە خاس بىر خىل ئاغزاكى نەزم - نەسىرلىك ناخشا سەنئىتى بولۇپ، خېجې ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مىللىي سەنئەت تۈرى ۋە مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش مەخپىي شىفىرى خاتىرىلەنگەن «دەرسلىك».

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. خېجې مىللىتىدىن بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ لېي باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ياردىمى ۋە يۆلىشى بىلەن، تۇرمۇشىمىز خۇددى «ئۇسسۇرى كېمىچىلەر ناخشىسى»دا ئېيتىلغاندەك بەخت يولىغا قەدەم قويدى. ئۇ يەنە باش شۇجىنى يۇرتىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ ناخشا قۇلىقىمىزغا ئاللىقاچان تونۇش بولۇپ كەتكەن، ئاز - تولا غىڭشىپ ئېيتالايمەن. ناخشىدا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقان گۈزەل مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن. باش شۇجى يەنە «چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ باقىمەن» دېدى.

سەمىمىي تەكلىپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ۋەدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېجې مىللىتى خەلقى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى، شۇنداقلا، باش شۇجىنىڭ خېجې مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنىڭ ئىپادىسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئۇ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى شاخ ۋە يوپۇرماق، يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن شاخ - يوپۇرماقلار بۈك - باراقسان ئۆسەلەيدۇ».

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا تۇغۇلغان ۋۇ گۇيفېڭ باچا خېجېزۇ يېزىسىدىن كۆپ ئايرىلىپ باقمىغان: «كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا - ئانام كۈن چىققاندا بېلىق تۇتقىلى چىقىپ، كۈن ئولتۇرغاندا قايتىپ كېلەتتى. بىكار ۋاقىتتا دادام نەي چالاتتى، ئانام مۇزىكىغا جور بولۇپ مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينايتتى.» ئاتا - ئانىسىنىڭ تەسىرىدە، ۋۇ گۇيفېڭ كىچىكىدىنلا يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىنى ياخشى كۆرەتتى.

«گەرچە خېجې مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىزنى ئۇنتۇپ قالمىدى. باش شۇجىنىڭ كېلىشى بىلەن خېجې مىللىتىنىڭ يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىسى تېخىمۇ جاراڭلىق ئېيتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.» ۋۇ گۇيفېڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىپ ناخشا ئېيتىمىز، خېجې ئاممىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىدا خېجې مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش باھارىنى كۈتۈۋالدى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭجياڭ شەھىرىدە، نۆۋەتتە يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىسىنىڭ دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ۋارىسلىق قىلغۇچىلار سىستېمىسى ئورنىتىلدى. «بۈگۈنكى كۈندە يىماكەن نەزم - نەسىرلىك ناخشىدا خېجې ئاممىسىنىڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى داۋاملىق كۈيلىنىپلا قالماي، يەنە ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خېجې ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقى مەدھىيەلەنمەكتە» دېدى ۋۇ گۇيفېڭ.

«باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى تېخىمۇ كۆپ زېھنىمنى خېجې مىللىتى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.» ھازىر ۋۇ گۇيفېڭ يەنىلا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، ئۆگىتىش ئورنىدا دەرس ئۆتۈپلا قالماي، يەنە دائىم ۋىيشىن توپى ئارقىلىق دەرس ئۆتىدۇ. بۇلتۇر ۋۇ گۇيفېڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» ناملىق ناخشىنى خېجې تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، كۆپچىلىككە ئۆگەتتى.

ۋۇ گۇيفېڭ خېجې مىللىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش ئۈچۈن، كەنتتىكى خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى بولدى. «بىز <مۇنبەت دەريا> <يېڭى - كونا جەمئىيەت سېلىشتۇرمىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە باش شۇجىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئاتلىنىش ئىشەنچىمىزنى ناخشا قىلىپ ئېيتىمىز، ئۇسسۇل قىلىپ ئوينايمىز» دېدى ۋۇ گۇيفېڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.