تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تىيانشاننىڭ ھەممە يېرى باھار تۈسىگە كىردى

​− باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ − شىنجاڭ قىسمى

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كەچقۇرۇن، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت بۇ جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك جايدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى قەدىمىي شەھەرنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىنى يورۇتتى، گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى دادۇڭ، ليۇ خۇڭشيا، خې جۈن

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتى.

«ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزەتتى ۋە پىلانلىدى. 2020 - يىلى 9 - ئايدا، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك».

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، «قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «تەرەققىياتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىشىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزا - كەنتلەرنى داۋاملىق گۈللەندۈرۈشكىچە، يېقىنقى يىللاردا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى خۇددى تاتلىق ئۈزۈمدەك ئارقا - ئارقىدىن مېۋە بەردى.» ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى: «كەنتتە ئۆگىنىش مىكرو دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى، ياخشى سىياسەت بولسىلا، كۆپچىلىك بىرىنچى ۋاقىتتا كۆرەلەيدۇ، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ. ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يەر نامرات كەنت ئىدى، ھازىر كۆپچىلىك باقمىچىلىق، كۆچەت يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى «قاتتىق قىيىنچىلىق» ئىدى. شىنجاڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى؛ ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ باشقا جايغا كۆچۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشنى يولغا قويدى... خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشى بۇ رايونلارنىڭ قىياپىتىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. 2021 - يىلى، شىنجاڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال كاپالەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى ۋە كېڭەيتتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇردى. تۈرلۈك تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

2012 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 17 مىڭ 921 يۈەندىن كۆپىيىپ 37 مىڭ 642 يۈەنگە يەتتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 6394 يۈەندىن كۆپىيىپ 15 مىڭ 575 يۈەنگە يەتتى؛ ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سانى 24كە يەتتى؛ يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتتى؛ 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى 3 مىليون 89 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى. بىر گۇرۇپپا سان شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇختا تەرەققىيات قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك كۈچ. شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەننى ھەقىقىي تۈردە «چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى چۆرىدەپ، بازار ئىستىقبالىغا ئىگە، كۆلەم، ھەجىمگە ئىگە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان بىر قاتار مۇھىم، زور تۈرلەرنى پىلانلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك تەرەققىياتقا تايىنىدۇ، شۇنداقلا قانۇنچىللىققا تايىنىدۇ. شىنجاڭ «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش» «دۆلەت بايرىقى ئاستىدا قانۇنچىللىقنى سۆزلەش» «بازاردا قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار، ئامانلىق دېلولىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايدى.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك»

شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى. شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات - ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى» دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

2014 - يىلى 5 - ئايدا، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»دىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» قىز رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تاغا ئائىلىسىدىكى 4 - ئەۋلاد بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى − «لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا»دا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، قۇربان تاغىنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقى» توغرىسىدىكى ھېكايىنى تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكتە. «باش شۇجى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ مېنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى رۇقىيەم.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىردىن تەشكىللەنگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتىنى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، جەمئىي 170 مىليون ئائىلە قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 103ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14ى بەرپا قىلىندى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش كېرەك».

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى. باش شۇجىنىڭ تەلىپى بىزگە شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتىكى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، مەدەنىيەتنىڭ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، روھنى تاۋلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، ھەر مىللەت ئامما ئالقىشلايدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تايىنىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ھەقىقىي «ئوزۇقلاندۇرىمىز».

كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە، مەكتەپ قورۇسى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، كىتاب ئوقۇۋاتقان ئاۋازلار جاراڭلاپ تۇراتتى. مەكتەپ مۇدىرى ئاينۇر ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: «باش شۇجى 2014 - يىلى تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، مەكتىپىمىزدە 410 ئوقۇغۇچى بار ئىدى، ھازىر كۆپىيىپ 1318گە يەتتى. يېقىنقى يىللاردا، بىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كېڭەيتتۇق، تولۇقلىدۇق ۋە ياخشىلىدۇق. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ھەر مىللەت بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن باشلاپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچىمىز».

«ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك»

بىپايان قۇملۇقتا كولدۇرما ئاۋازى ئاڭلانماقتا. شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تارىخىي شان - شەرىپىنى زىممىسىگە ئالدى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە يېپيېڭى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە»، «ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك». 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇردى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تۈگۈن ۋە تىرەك نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇردى. مۇھىم تىرەك نۇقتىسى بولغان قورغاس پورتىدا تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتتە بىر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دۆلەت دەرۋازىسىدىن غەربكە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ «پولات كارۋان» يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرىنىڭ «چوڭ تومۇرى»غا ئايلاندى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يۇغۇردى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، لىق مال قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن - بۇياققا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان قەشقەر خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. كەلگۈسىدە ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى بىلەن ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي بولۇشتا سىياسەتنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 4 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %612.6 ئاشقان.

پورت ئىقتىساد بەلبېغىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمپورت - ئېكسپورت كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، پورتنىڭ ئۆزىدىلا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئېكسپورت قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ «يول ئىقتىسادى»نى «كەسىپ ئىقتىسادى» «پورت ئىقتىسادى»غا ئايلاندۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا.

«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل...» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سۈرەتلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.