بېيجىڭ ۋاقتى 2022-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 23تىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 4-نومۇرلۇق C تىپلىق توشۇغۇچى راكېتادىن پايدىلىنىپ، گاۋفېن 12-نومۇر 03 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى دۆلەت زېمىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، شەھەر پىلانلاش، يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، يول تورى لايىھەسى، زىرائەت ھوسۇلىنى مۆلچەرلەش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالىرىنىڭ 425-قېتىم ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.
(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرى ياڭ خۇڭياڭ، يۈپېڭ، جېڭ ۋېيجيې، ۋاڭ جياڭبو)
«تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى