تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى | پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ گۈزەل ئايلانما يولنى ھېس قىلىش

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسىدا تارتىلغان پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرىسى.

    پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4200 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 36 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭ چۈشۈش پەرقى 1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، يەرلىكلەر ئۇنى «ئېگىزلىكتىكى بوشلۇق يولى» دەپ ئاتايدۇ. ئەگرى-بۈگرى پەنلۇڭ قەدىمىي يولى ئەتراپتىكى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم مەنزىرىلەر بىلەن بىر پارچە ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلغان. پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنىڭ نامى ئۇگيات تاغ ئايلانما تاشيولى بولۇپ، جەمئىي 59 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 2019-يىلى 7-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، تاغلىق رايوندىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتقان.

 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسىدا تارتىلغان پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرىسى. 

 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. 

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسىدا تارتىلغان پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرىسى. 

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسىدا تارتىلغان پەنلۇڭ قەدىمىي يولى مەنزىرىسى. 

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.