تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] يالقۇنلۇق ياشلىق باھارنى تۆھپە قوشۇش جەريانىدا نۇر چاچقۇزۇش

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتى:

يالقۇنلۇق ياشلىق باھارنى تۆھپە قوشۇش جەريانىدا نۇر چاچقۇزۇش

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

  ئۈرۈمچى شەھىرى شياۋشىمېن سودا چەمبىرىكىدە، بىر ئىمارەتنىڭ ئۈستىدىكى «119» دېگەن ئۈچ رەقەم كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ جاي ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتى ئىدى. بۇ يىل، بۇ كوللېكتىپ «شىنجاڭ ياشلار 4 - ماي مېدالى»غا ئېرىشتى.

  6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى» دېيىلدى)نىڭ شەرەپ ئۆيىگە كەلدى. ھەربىر پارچە قىممەتلىك كونا سۈرەت 1957 - يىلى شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەۋلادمۇئەۋلاد ياش ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  پونكىت قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى 40 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، 100 مىليون يۈەندىن كۆپرەك قىممەتتىكى مال - مۈلۈكنى قوغدىدى. ئىلگىرى - كېيىن شەرەپ بىلەن كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، كوللېكتىپ 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئالتە كىشى شەرەپ بىلەن شەخسلەر بويىچە 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، توققۇز كىشى شەرەپ بىلەن شەخسلەر بويىچە 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، 36 كىشى شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى.

  بۇ ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى لى جياۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدا جەمئىي 26 ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىمى بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 27 ياش، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 قېتىمدىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ھەر يىللىق چارلاش مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

  نەچچە مىڭ قېتىم خەۋپ - خەتەردىن قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش داۋامىدىكى، ئېگىز قەۋەتلىك بىنادا يۈزبەرگەن بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىنى لى جياۋېن ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدۇ، ئۇ قويۇق ئىس - تۈتەك ئىچىدە قالغان بىر چوڭ بىنانىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مەن بىر گۇرۇپپا ئادەمنى باشلاپ جابدۇقلىرىمىزنى ئېلىپ، بىنانىڭ ئاستىدىن بىنا ئۆگزىسىگە تېزلىكتە چىقتۇق، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ قاپسىلىپ قالغانلارنى قەۋەتمۇقەۋەت تارقاقلاشتۇردى.» بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىققاندىن كېيىن، ئۇلار ئارغامچا بىلەن بەدىنىنى بىنانىڭ گىرۋىكىگە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىسسىق دولقۇنغا قارىماي ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ سۇ چاچتى؛ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى بالىلارنى كۆتۈرۈپ، ياشانغانلارنى يېتىلەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇردى. ئۈچ سائەت كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، لاۋۇلداپ يانغان ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېلىندى، بىرمۇ ئامما يارىلانمىدى.

  شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى يەنە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئامما ئۈچۈن جەمئىي 2600 قېتىمدىن ئارتۇق ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 1800 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ قان تەقدىم قىلدى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى ئىتتىپاق ياچېيكىسى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش بويىچە ياش زەربىدارلار ئەترىتى تەسىس قىلىپ، دېزىنفېكسىيەلەش، خالىس سۇ يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى ئىتتىپاق ياچېيكىسى «خەلقنى سۆيۈش - خەلققە ياردەم بېرىش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش - ھەمدەم بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تۈركۈم - تۈركۈم ياش ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شەرەپ ئۆيىدە بىر موماينىڭ رەھمەت خېتى ساقلانغان بولۇپ، خەتتە 2004 - يىلىدىن بۇيان ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھەربىر ياردىمى بايان قىلىنغانىدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىمالىي شىنخۇا يولى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى باشتىن - ئاخىر «سەمىمىي بولۇپ ئىتتىپاقلىشىش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، باتۇر ھەم ئىرادىلىك بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ياشلاردىن بولۇش»تىن ئىبارەت ئەترەت تەلىمىدە چىڭ تۇردى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى مەيدانغا كەلدى. «بىز پۈتۈن ئۆمرىمىزنى سەرپ قىلىپ، بۇ گۈزەل تۇپراق ۋە خەلقنى قوغداشنى خالايمىز» دېدى لى جياۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.