تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]​«كۆككە تاقاشقان يول»دىكى «خەۋەرلىشىش گۆھىرى»

شى يافېڭ:

​«كۆككە تاقاشقان يول»دىكى «خەۋەرلىشىش گۆھىرى»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«قاغىلىق تاپشۇرۇۋالدۇق! چىتەي داۋىنىدا سۆزلىشىش ئېنىق، سىن كۆرۈنۈشلىرى ئېنىق، ھەممە ئىش نورمال.» 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، بۇنداق سۆزلەر ئارقا سۇپىدىن كەلگەندە، شى يافېڭ بۇنى ئەڭ يېقىملىق ئاۋاز دەپ ھېس قىلدى.

شى يافېڭ جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ قەشقەر قاغىلىق شۆبە شىركىتى تور بۆلۈمىنىڭ تېخنىك خادىمى، ئۇ «كۆككە تاقاشقان يول» − شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا خىزمەت قىلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 5170 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چىتەي داۋىنىغا بېرىپ، لىنىيە بويىدىكى ئاساسىي پونكىت ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇرۇش، ئېچىش، ئاسراش، شۇنداقلا ئابۇنىچىلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورىنى ئورنىتىش، تورنى سىناش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل، ئۇ يەنە ئابۇنىچىلار تەرىپىدىن يېقىملىق ھالدا «خەۋەرلىشىش گۆھىرى» دەپ ئاتالدى.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3150 مېتىر، 4969 مېتىر، 4750 مېتىر، بۇ، شى يافېڭ ھەر قېتىم قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، خىزمەت ئورنىغا بارغاندا ئۆتىدىغان ئۈچ داۋاننىڭ ئېگىزلىكى بولۇپ، يولدا يەنە كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان نۇرغۇن ئەگىم يوللاردىن ئۆتىدۇ. پىژغىرىم ئىسسىق، بوران، يامغۇر، قار، مۆلدۈر... ھەر قېتىملىق چارلاشتا خۇددى تۆت پەسىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەندەك بولىدۇ.

2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى، شى يافېڭ تۇنجى قېتىم تاغقا چىقىپ، ئاپتاپتا بىردەملا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يۈزىدىكى نورمالسىزلىقنى بايقىدى، قولىدا يېنىك سىلىشى بىلەن، بىر قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى. شى يافېڭ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن تېرىنى كەسكەندەك ئاغرىيدىكەن! يېڭىلا تاغقا چىقىپ ئىشلىگەندە تەجرىبەم يوق، شۇنداقلا قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغاچقا، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر تېرەمنى كۆيدۈرىۋەتكەنىدى.

شۇ يىلى قىشتا، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا، شى يافېڭ دېڭىز يۈزىدىن 4969 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سەيلىيارقىر داۋىنىدىكى خەۋەرلىشىش مۇنارىغا كەلدى، ئۇ پەلىيىنى سېلىۋىتىپ قوينىدىن سىگنال تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئالغاندا، ئوكسىگېن يېتىشمەي بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا مۇنار ئاساسىنىڭ قىرلىق تۆمۈرىنى تۇتۇۋالدى، نەتىجىدە ئالقىنىنىڭ بىر قەۋەت تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى.

قاغىلىق ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يوتقانغا بېشىنى تىقىۋېلىپ يىغلىدى، ھەتتا داۋاملىق قېلىپ خىزمەت قىلىش - قىلماسلىقتا ئىككىلىنىپ قالدى. لېكىن، يەنە بىر قېتىم يولغا چىقىپ، ئادەم ئاياغ باسمىغان قارلىق تاغدا، قاتار - قاتار خەۋەرلىشىش مۇنارلىرىنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىنىدە، كۆڭلىدە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە: ياخشى ئىشلەپ، ئۆزۈم مەسئۇل بولغان خەۋەرلىشىش سىگنالىنىڭ ئىزچىل راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن، دېگەن ئىرادىگە كەلدى.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5170 مېتىر كېلىدىغان چىتەي داۋىنىدا ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ يەردە كۈچلۈك ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ. شى يافېڭ 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خەۋەرلىشىش تۆمۈر مۇنارىغا يامىشىپ چىقتى، بىر خىزمەتدىشى تۆۋەندە تۇرۇپ ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۇ باش بارمىقىنى تۆۋەنگە قارىتىپ تۇرۇپ «بولمىدى، ئوكسىگېن يېتىشمىدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىزمەتدىشى دەرھال ئۇنىڭ مۇناردىن چۈشۈشىگە ياردەملەشتى ھەم ئوكسىگېن بوتۇلكىسىنى سۇنۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ، ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئېگىز مۇنارغا يامىشىپ چىقىپ، ئارقا سۇپا بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىگنالنىڭ نورمال، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن خىزمەتنى تاماملىدى.

«پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ تەرەققىياتى خەۋەرلىشىشتىن ئايرىلالمايدۇ، مەن مەۋقەنى خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسىدىكى <خەۋەرلىشىش گۆھىرى> بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى شى يافېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.