تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]​ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇش ئۈچۈن نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلايمىز

ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتى:

​ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان قۇرۇش ئۈچۈن نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلايمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

ياستۇق، خۇڭنيۇ، تەييار چۆپ، بۇلار شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتى» دېيىلدى)نىڭ «ئۈچ گۆھەر»ى بولۇپ، ھەممىسى ئۇلار كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتە جەزمەن تەييارلاشقا تېگىشلىك ئەسقاتىدىغان نەرسىلەر. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بىر توپ ياش جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىر قوشۇن، بۇ يىل بۇ كوللېكتىپقا «شىنجاڭ ياشلار 4 - ماي مېدالى» بېرىلدى.

ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جوۋ پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتىدە جەمئىي 21 ئادەم بار، 35 ياشتىن تۆۋەن ياشلار %95نى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو كانچىلىق داشۆسى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە كەسپى بويىچە ئۈلگىلىك ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن، كوللېكتىپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاقىل كان قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇش داۋامىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىجادىي ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

«بىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئورتاق غايە ۋە ئارزۇ - ئىستەكلىرىمىز سەۋەبىدىن چۆللۈكتە يىلتىز تارتتۇق.» ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋۇ فۇلى مۇنداق دېدى: مەن ئاساسلىقى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا مەسئۇل، كۆمۈر كاندا يەنە مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئاتالغان «ۋۇ فۇلى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ئىشخانىسى» قۇرۇلدى.

بىخەتەرلىك كۆمۈر كان كەسپىنىڭ جان تومۇرى، 2022 - يىلى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكا مۇداپىئە ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆمۈر كاننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتى ھۇجۇم قىلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.

«بىز شىنجاڭ 5G+ ئاقىل كان يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقاتى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ، 5G+ سانائەت ئالاقە تورىنى تىرەك قىلغان كۆمۈر كان كەسپىدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي قوللىنىشنى تەتقىق قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يەنە بىر قەۋەت قوغداش قېپى قوشتۇق» دېدى جوۋ پېڭ.

2020 - يىلى 11 - ئايدا، جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ قۇرۇلىدىغان كۆمۈر كان بولۇش تەستىقىغا ئېرىشتى؛ 2021 - يىلى 11 - ئايدا، جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان بەرپا قىلغان «سانائەت ئالاقە تورى ئاساسىدىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان ئۇنىۋېرسال ئالدىن سىگنال بېرىش سۇپىسى» سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 2021 - يىللىق سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش باشلامچى ئەمەلىي قوللىنىش ئۈلگە مىسالى بولۇپ تاللاندى.

نۆۋەتتە، ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتىكى نەچچە ئونمىڭ سانلىق مەلۇماتىنى بىرلا ۋاقىتتا توپلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇنىۋېرسال ئالدىن سىگنال بېرىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، كان رايونىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلى ۋە ئۈسكۈنە مودېلى تەدرىجىي بەرپا قىلىنىپ، ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆرسىتىلدى، شۇنداقلا سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتا باغلىنىشى، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ يوللىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى... ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كاننى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كۈتۈۋېلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

ۋۇ فۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان ياشلارنىڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆمۈر كان جەمئىي 34 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتى، 58 تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى تىپتىكى پاتېنت، 81 تۈرلۈك يۇمشاق دېتالغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلدى.

«تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ قۇرۇلىدىغان كۆمۈر كاننىڭ ئاچقۇچلۇق قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن نۇر ۋە ھارارەت بېغىشلايمىز» دېدى ئاقىل كان زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى كاڭ چىڭۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.