تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇر ۋە ھارارىتىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق يەتكۈزىمەن

  پىڭ شىۋېي:

نۇر ۋە ھارارىتىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق يەتكۈزىمەن

  □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

  «ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىم ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مېنىڭ ھەممىدىن بەك ئوقۇتقۇچىلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتقۇم بار...» 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، مۇخبىر سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى يېڭىلا ئاياغلاشتۇرغان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 - يىللىق 8 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پىڭ شىۋېي بىلەن ئالاقىلەشتى، ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىگەندە، ئۇنىڭ قەلبى مىننەتدارلىققا تولدى.

  يېقىندا، «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ يىگىت 2022 - يىللىق مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇپ باھالانغانىدى، «بۇ شەرەپكە ئېرىشىش مەن ئۈچۈن بىر ئىلھام، تېخىمۇ مۇھىمى بىر تۈرتكە» دېدى پىڭ شىۋېي.

  ۋاقىتنى 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگە قايتۇرساق، ئەينى چاغدا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان پىڭ شىۋېي ئۈچ ساۋاقدىشى بىلەن دېيىشىپ سانجى شەھىرى بىڭخۇ دەرياسى مەركىزىي باغچىسىدىكى سۈنئىي كۆل بويىغا ئوينىغىلى باردى. سۇدىن غەيرىي ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، تۆتەيلەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۇدا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي ئىدى.

  «پولتۇڭ!» سۇ ئۈزەلەيدىغان پىڭ شىۋېي ئالدى بىلەن سۇغا سەكرىدى، باشقا ئىككى ساۋاقدىشىمۇ ئارقا - ئارقىدىن سۇغا سەكرەپ ئادەم قۇتقۇزدى، بىر ساۋاقدىشى كۆل بويىدا قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىدى. «ئەينى چاغدا ئەھۋال ناھايىتى جىددىي ئىدى، مەن قورقۇشقىمۇ، كۆپ ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمىدىم، كۆڭلۈمدە ئادەم قۇتقۇزۇشنىلا ئويلىدىم...» دېدى پىڭ شىۋېي. نەچچەيلەننىڭ بىرلىكتە قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئوغۇل بالا ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتقۇزۇلۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلدى.

  پىڭ شىۋېي ئۆيىدە يالغۇز ئوغۇل ئىدى. ئوغلىنىڭ سۇغا سەكرەپ ئادەم قۇتقۇزغانلىقىنى ئاڭلاپ، دادىسى پىڭ جۈن ھەم ئەنسىرىدى، ھەم مەمنۇن بولدى، ئەنسىرىشىدىكى سەۋەب پىڭ شىۋېي سۇ ئۈزۈشنى ئانچە ياخشى بىلمەيتتى، مەمنۇن بولۇشىدىكى سەۋەب باشقىلار جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇپ قۇتقۇزغانلىقى ئىدى، بۇ، بالىسىنىڭ مېھرىبان، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. «بالا دېگەن ئاتا - ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى» دېدى پىڭ جۈن.

  پىڭ شىۋېي ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئادەم قۇتقۇزغان ئىش ناھايىتى تېزلا مەكتەپكە تارالدى، ئۇلارمۇ شۇ سەۋەبتىن ساۋاقداشلارنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانغا ئايلاندى.

  ساۋاقداشلارنىڭ نەزەرىدە پىڭ شىۋېي تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇپ، كوللېكتىپنى قىزغىن سۆيەتتى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى. بەزى ساۋاقداشلار قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا، ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلاتتى؛ سىنىپ چوڭ تازىلىققا تەشكىللىگەندە، ئۇ بىرىنچى بولۇپ قاتنىشىشقا تىزىملىتاتتى. «ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن نەمۇنە بولۇپ، بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى» دېدى سىنىپ باشلىقى جاۋ خاۋبو.

  پىڭ شىۋېي تىلغا ئېلىنسىلا، سىنىپ مەسئۇلى جاڭ جىنخۇا ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ، «ئۇ ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، تىرىشچان، گەرچە نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن مەغرۇرلانمىدى، ئالدىراقسانلىق قىلمىدى، ئۇ كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يىگىت» دېدى جاڭ جىنخۇا.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشتى، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، پىڭ شىۋېي ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات يولىنى ئېنىق پىلانلىدى، «يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، باشقىلارغا ياردەم قىلىپ، نۇر ۋە ھارارىتىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق يەتكۈزىمەن» دېدى پىڭ شىۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.