تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى توغرىسىدىكى بۇ ساۋاتلارنى بىلەمسىز

    مېتېئورولوگىيەدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇدا ئۈچ كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئېلان قىلىش شەرتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 24 سائەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇس، 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

  ئەگەر رايون بويىچە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى رەتكە تىزماقچى بولساق، «ئوت يۇرتى» دەپ نام ئالغان تۇرپان شەھىرى مۇقەررەر ھالدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس، ياز پەسلى كىرگەندىن كېيىن تۇرپان شەھىرىدە كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا تىزىملىكىدە ئارقا-ئارقىدىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ھەر قېتىم ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالدىنقى 3- ئورۇندا تۇردى. شۇڭا، تۇرپان شەھىرى ئېلان قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ رىتىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولدى.

  بۇ يىلنى مىسالغا ئالساق: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئاندىن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى؛ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىمۇ شۇنداق بولدى، تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلدى.

  بەزى كىشىلەر بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋۋال شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقانلىقىغا، تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاندىن تارقاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

  تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىززەتگۈل مىجىت چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا تۇرپان شەھىرىدە ئەتىياز بالدۇر كېلىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى بالدۇر كۆرۈلىدۇ، دائىم 5-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 6-ئاينىڭ باشلىرىغا بارغاندا، 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا دائىملىشىدۇ.

  ئەگەر پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى كەينى-كەينىدىن ئوخشاش تارقىتىشى كېرەك، يەرلىك ئاممىنى تېخىمۇ ئاددىي، ئېنىق بولغان مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تۇرپان شەھىرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇر ئۆلچىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا رايونلارنىڭكىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

  تۇرپان شەھىرىدە ئۇدا ئۈچ كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلىدۇ؛ 24 سائەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە ئاندىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلىدۇ، 45 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلىدۇ. تۇرپان شەھىرى ئېلان قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆلچىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا جايلار ئېلان قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ باشلىنىش ئۆلچىمىگە باراۋەر كېلىدۇ. تۇرپان شەھىرى ئېلان قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆلچىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشقا جايلار ئېلان قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىدۇ.

دىلمۇرات توختى تەرجىمىسى

تىيانشان تورى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.