6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى شىيوۋ مەدەنىيەت-ساياھەت پىيادىلەر كوچىسىدىكى پائالىيەت نەق مەيدانىدا رەسىم سىزىلغان قاپاقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شۇ كۈنى، تۇرپان شەھىرىدە 2022- يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى ھەم شىنجاڭ 10- نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى.
ليۇ جيەن فوتوسى
6-ئاينىڭ 10-كۈنى، قاراقاش ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى «ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزىگە رەسىم سىزىش» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدە 2022- يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى ھەم شىنجاڭ 10-نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى.
سۈرەتنى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن