تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] ​قۇملۇقتا ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، پولات ئەجدىھا ياساپ چىقىمەن

خۇ گوشىڭ:​

قۇملۇقتا ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، پولات ئەجدىھا ياساپ چىقىمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ   ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شىن

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان كۈن يېقىنلىشىپ قالدى، خۇ گوشىڭ تاقەت قىلالماي يەنە نەق مەيدانغا بېرىپ لىنىيە، ئىككى تەرەپتىكى دەل - دەرەخ ھەمدە ئوت - چۆپلەر ئۆستۈرۈلگەن كاتەكچە قاتارلىقلارنى تەكشۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ياساشقا قاتناشقان بۇ تۆمۈر يولدا ھېچقانداق خاتالىق كۆرۈلسە بولمايدۇ».

33 ياشلىق خۇ گوشىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولۇپ، ئون يىلنىڭ ئالدىدا، ئۇ داشۆنى پۈتكۈزۈپ خۇبېيدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغان.

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، تۆمۈريولنىڭ قۇملۇققا جايلاشقان ئۇزۇنلۇقى 538 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىدىن ئاشاتتى. قۇم - بوران پەسلىدە، قۇم - بوران يول ئۇلىنى، رېلىسنى كۆمۈۋېتەتتى، قۇمنىڭ ئىشقارلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، يول ئۇلىغا يىغىلىپ، قېتىشمىغا ئايلىنىپ، يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزەتتى.

قۇملۇقتا تۆمۈريول ياساشتا، قۇمنى تىزگىنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. لىنىيە بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغداش قۇرۇلۇشچىلار بۆسۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆسۈملۈك ئارقىلىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئالدىنقى تاللاش قىلىندى.

قۇملۇقتا تۆمۈريول ياساش ئەسلىدىنلا ئىنتايىن قىيىن ئىش بولۇپ، قۇملۇقتا توغراق ۋە يۇلغۇن قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، بۇ ۋەزىپە ناھايىتى مۈشكۈل ئىدى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خۇ گوشىڭ ئالتە قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، يەنە كۆپ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر»دىن قۇملۇقتا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش تەجرىبىلىرى توغرىسىدا تەلىم ئېلىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قايتا - قايتا سىناق قىلدى.

بىر قېتىمدا ئوڭۇشلۇق بولمىسا ئىككى قېتىم، ئىككى قېتىمدا ئوڭۇشلۇق بولمىسا ئۈچ قېتىم... 2020 - يىلى ئەتىياز، كۈز پەسلى ۋە 2021 - يىلى ئەتىياز پەسلىدىن ئىبارەت ئۈچ تېرىقچىلىق مەزگىلىنى خۇلاسىلەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، خۇ گوشىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قۇم - توپىنى يۆتكەپ تىندۇرۇش، ئۆسۈملۈك تۈرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەڭ ئاخىرى بۇ «يول توسار يولۋاس»نى يەڭدى.

ھازىر خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا 50 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېقىن ئۆت - چۆپ ئۆستۈرۈلگەن كاتەكچە ياسىلىپ، 13 مىليون تۈپكە يېقىن سۆكسۆك، يۇلغۇن، جىغان قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلۈپ، چۆل - باياۋاندا ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىندى.

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى تۈرىدە قۇرۇلۇش مۇددىتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىكى تۈرلۈك تۈگۈن - نىشاننى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، خۇ گوشىڭ دائىم تاڭ ئاتماستىنلا يولغا چىقىپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىنى تەكشۈردى، چۈشتە نەق مەيداندا كۆپچىلىك بىلەن بىللە تاماق يېدى، كەچتە تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ، كۈندۈزى بايقالغان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى رەتلەپ، ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىشخانىدا داۋاملىق كېچىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇپ، ئىككىنچى كۈنىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خۇ گوشىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان ۋاقتى ئاز، ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى كۆپ بولدى، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، يول ياساپ، كۆچەت تىكىپ، بىپايان قۇملۇقتا قۇرۇلۇش مۆجىزىسىنى يارىتىپ، تەكلىماكاننى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

«خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا پات ئارىدا قاتناش باشلىنىدۇ، مەن يەنە كېيىنكى تۈرگە يۆتكىلىپ جەڭ قىلىمەن، ياشلىق باھارىمنى شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا پويىزغا ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى خۇ گوشىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.