تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنىگە نەزەر] تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىپ، گۈزەللىكنى تېخىمۇ نامايان قىلىش

​− مەدەنىيەت مىراسلىرى شىنجاڭدا يېڭى نۇر چاچتى

6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى ئارتىسلار موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى «ساۋۇردىڭ»نى ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2022 - يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» ھەم شىنجاڭ 10 - نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى. □چۆ. خۇرە فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ

«زامانىۋى تۇرمۇش بىلەن تۇتىشىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان نۇر چېچىش.» گۈزەل، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە خىسلىتىنى يارىتىشتىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى.

مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەدەنىيەت مىراسلىرى يەنە ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دەپ ئايرىلىدۇ. مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ قايتا دۇنياغا كەلمەيدىغان، ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بايلىقىدۇر. ئەڭ ياخشى قوغداش ئىزسىز قوغداش، ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش نۆۋەتتە ئۇنى جانلاندۇرۇپ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. رەقەملىك مۇزېي، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەرەللىك بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش سارىيى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا بارغانسېرى كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى جانلىنىشقا باشلىدى، بۇ ئەڭگۈشتەرلەر ئەمدى تەكچىگە تىزىپ قويۇلۇپ كىشىلەر توپىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ھالەت تۈگىتىلدى. تۇرمۇش ئۇنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ ھەم موللىشىدۇ؛ چۈنكى تۇرمۇشنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن ئۇلار تېخىمۇ ئۇزاق ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

پەن - تېخنىكا تۈرتكە بولۇش

مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇش

شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 8 - نومۇرلۇق كۆرگەزمە زالىدا «يىتتۈرۈپ قويۇپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن تام رەسىملىرىنىڭ پىرويېكسىيە بوشلۇقى»دا، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مىڭئۆينىڭ ئۈچ تەرەپلىك پىرويېكسىيە تېمىدا، چەت ئەللەردە ئېقىپ يۈرگەن 100 نەچچە پارچە نەپىس تام رەسىمى جانلىق ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ، كىشىگە مىڭ يىللىق غاردا تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. بىر پۈتۈن كۈسەن تام رەسىملىرى، مىرەن قەدىمىي شەھىرىدىكى قاناتلىق پەرىشتىلەر... كىشىلەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ دۇنيا مەدەنىيەت گۆھەرلىرى رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يەردە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەنىدى.

«بۇ تام رەسىملىرىنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم. ئۇلارنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت.» داشۆ ئوقۇغۇچىسى جۇ يۈن بىلەن ئوغۇل دوستى بۇ بوشلۇقتا ئۇزاققىچە تۇرۇپ، پىرويېكسىيە ھۆججەتلىك فىلىمىنى باشتىن - ئاخىر كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن قايتتى.

شىنجاڭ مۇزېيىدا، 2 - قارارلىق يېڭى مۇزېي يولغا قويغان رەقەملەشكەن مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى ھېس قىلىش تۈرى «شىنجاڭ تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىق ئىزلىرىنى بىر بېكەت شەكلىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىش» «پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە كۆرۈرمەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش» ۋە «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزۈلگەن سەھنە تىياتىرى» تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن تۈر بولۇپ قالدى.

بېيتىڭ قۇچۇ خۇيخۇ بۇتخانىسى يادىكارلىق ئورنى مۇزېيىدا، تاماشىبىنلار 5D مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى ھېس قىلىش رايونىدا تۇرۇپ، چوڭ ئېكراندىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، مىڭ يىللىق ئىبادەتخانا، بۇت، تام رەسىملىرى بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىپ، يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە قېزىۋېلىنغان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى (مۇزېي)نىڭ «يىپەك يولى ھېس قىلىش تىپىدىكى ھەمتۈرتكىلىك تۇيغۇ سىستېمىسى» كۆرۈرمەنلەرگە قىزىلقاغا تۇرى، قىزىل مىڭئۆي، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى يادىكارلىقى، ئۇچقات قەدىمىي شەھىرى، كوناچىلان قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. VR مەۋھۇم كۆز ئەينىكى، تەقلىدىي X نۇرى، 4D مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق، قومۇل شەھەرلىك مۇزېي تىيانشان قومۇل پىتېروزاۋۇرى، قىيا تاش رەسىملىرى، تۇر، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش ئويمىلار، بەيياڭگوۋ بۇددا ئىبادەتخانىسى يادىكارلىقى، «مايتېرىسېمىت خاتىرىسى» قاتارلىق تەپسىلاتلارنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەدەنىيەت مىراسلىرى پەن - تېخنىكىنىڭ قوللىشى بىلەن كىشىلەرنى «جان كىرگۈزۈلگەن» تارىختا تۇرغاندەك ھېسسىياتقا ئىگە قىلدى.

كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىش

تۇرمۇشتىكى كەيپىيات، مەسئۇلىيەتچانلىق

«شىنجاڭلىقلار ئايىغى چىقىشى بىلەنلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، تىلى چىقىشى بىلەنلا ناخشا ئېيتالايدۇ.» شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىنىڭ تۈرى سان - ساناقسىز. ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكا شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جانلىق ۋارىسلىق قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، ئەڭ كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇش شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇغما تالانتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى خۇشال - خۇرام، رەڭدار قىلىشتىكى مەنبە.

ئۈرۈمچىدىكى چوڭ - كىچىك مەيدان ۋە باغچىلاردا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە، مۇزىكا ياڭرىسىلا كىشىلەر داپ ئۇدارىغا كەلتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى بېرىلىپ ئوينايدۇ، ئۇلار ياش ۋە مىللەت ئايرىمايدۇ، ئۇسسۇل ماھارىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. بۇ ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىلار ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن مەشرەپنىڭ بىر قىسمى. مۇكەممەل مەشرەپ پائالىيىتى بىر قاتار مول ئۆرپ - ئادەت ۋە ئورۇنلاش سەنئىتى، مەسىلەن، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، خەلق سەنئىتى، سېرك، ئېغىز ئەدەبىياتى، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئويۇن - تاماشانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھالبۇكى، شىنجاڭ مەيدان ئۇسسۇلى مەشرەپنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى ئاكتىپلاشقان تىپىك ئىپادىسىدۇر.

بەش قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن، توردىكى نامى «يەنشىڭ جياڭخۇ» بولغان بىر ساياھەتچى بىلوگىدا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ مەيدان ئۇسسۇلى بەك چىرايلىق ئىكەن، ئەركىن - ئازادە، ئۇسلۇبى گۈزەل ئىكەن، ھەربىر ھەرىكەتتە كەيپىيات نامايان بولۇپ تۇرىدىكەن، بۇ، مەن كۆرگەن ئەڭ شادىيانە مەيدان ئۇسسۇلى».

بۇ يىلقى جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ ئىلى شۆبە يىغىن مەيدانىدا، كەچقۇرۇن غۇلجا شەھىرى ئالتە شۇئار كوچىسىدا، 100 ئاككوردىيونچىدىن تەشكىللەنگەن غايەت زور ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى بىر تەرەپتىن مۇزىكا چېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئالتە كوچىدىن ئالتە شۇئار كوچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ مەركىزىي مەيدانىغا كىردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭ ئاككوردىيونچى 74 ياش، ئەڭ كىچىكى ئاران يەتتە ياش ئىدى. 100 كىشىلىك ئاككوردىيون چېلىشقا قاتناشقان خەيزاتولا ئەنۋەر مۇنداق دېدى: «ئاككوردىيون غۇلجىلىقلار ئۈچۈن ئەڭ تونۇش بولغان چالغۇ، بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، بۈگۈنكى كېچە ناھايىتى كۆڭۈللۈك، ئۇنتۇلغۇسىز بولدى».

2021 - يىلى غۇلجا شەھىرى ئىلتىماس قىلغان رۇس مىللىتىنىڭ بايان سەنئىتى 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. بايان ئاككوردىيون ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ياۋروپادىن كىرگەن. غۇلجا شەھىرىدە، بايان سەنئىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سەنئەت تۈرىگە ئايلاندى. غۇلجىلىقلارنىڭ ئاككوردىيونغا ئۆزگىچە مېھرى بار، غۇلجا شەھىرى بايان سەنئىتىگە ئاساسلىق ۋارىسلىق قىلغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ئالتە شۇئار كوچىسىدا ئالېكساندىر ئاككوردىيون خاتىرە سارىيى قۇرۇپ، بۇ تۈرنىڭ ۋارىسى ئالېكساندىر سېرگىيىۋىچ زازولىن يىغىپ ساقلىغان 800دىن ئارتۇق ئاككوردىيوننى كۆرگەزمە قىلىپ ۋە قوغداپ، ئىلى ئالتە شۇئار كوچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاككوردىيوننى شۇ جايدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان چالغۇغا ئايلاندۇردى.

ياشلىقتىكى ئۇچرىشىش

ئۆزگىچە ھايات يارىتىش

شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ياش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش سېپىگە قوشۇلدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە تالانتى ئارقىلىق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى، شۇنداقلا ئۆز ھاياتىنىڭ ئوخشىمىغان خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

شىڭ شىڭ بىلەن شياۋنۇ «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» قىزلار، ئۇلارنىڭ YLZ خىزمەت ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق بىنادا قۇرۇلغان. خىزمەت ئىشخانىسىدا ئەتلەس ئاساسلىق لايىھەلەش ئىلھامى قىلىنغان بولۇپ، ئەتلەستە تىكىلگەن شارپا، يىغىپ ساقلىنىدىغان رەسىم، كالا خۇرۇمىدا تىكىلگەن سومكا، توڭلاتقۇ چاپلىقى، يان تېلېفون قېپى، خاتىرە دەپتەر قاتارلىق ئاساسلىق مەھسۇلاتلار بار. بۇ مەھسۇلاتلاردىكى ئەتلەس سۈرىتىنىڭ رەڭگى ئۆزگىچە بولۇپ، نەپىس، كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

مەھسۇلاتنى لايىھەلەشكە مەسئۇل شىڭ شىڭ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قىز، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان شياۋنۇ بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىنى قۇرۇپ، توردا، تور سىرتىدا زاكاز قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ساتتى. «دادىل، يېڭىچە رەڭ تەڭشەش ۋە نەپىس، كۆركەم لايىھەلەش ئارقىلىق ئەتلەسنى تېخىمۇ مودىغا ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭدا ھەقىقىي ياخشى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى شىڭ شىڭ.

«جۇڭگو ئوقيا يۇرتى» چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە جاۋ خۇ ئىسىملىك «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» بىرەيلەن بولۇپ، ئۇ شىبە مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقيا ياسىشىغا ناھايىتى قىزىققاچقا، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، دادىسىدىن ئوقيا ياساشنى ئۆگەندى. چاپچال شىبە قەدىمىي شەھىرىدە ئوقيا مۇزېيى بار بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، ساراي ئىچىدە جاۋ خۇغا مەخسۇس بىر خىزمەت ئىشخانىسى ئېچىپ بەردى ھەمدە ئۇنى مۇزېينىڭ باشقۇرغۇچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ھازىر ئۇ ئەينەك نېپىز يا، ياغاچ يانى ناھايىتى پىششىق ياسىيالايدىغان، يەنە يا خالتىسىنىمۇ مۇستەقىل لايىھەلىيەلەيدىغان بولدى. «مەن ھازىر ئوقيا ياساشDIY تۈرىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقيانىڭ كەينىدىكى ھېكايىلەرنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جاۋ خۇ.

لى تيەنتيەن چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى توغراقلىق كەنتى يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، چىگىپ بوياش مەدەنىيىتىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇ توردا سىن ئارقىلىق چىگىپ بوياش ماھارىتىنى ئۆگەندى، ئۆيى ۋە ئىشخانىسى ئۆزى چىگىپ بويىغان ئەسەرلەر بىلەن تولدى. يېقىندا، ئۇ يەسلىدە بىر مەيدان «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ئەمەلىيەت دەرسى ئۆتۈپ، بالىلارنىڭ كىچىك تىپتىكى رەخت توقۇش ماشىنىسىدا رەخت توقۇشىغا، يەنە چىگىپ بوياش رەڭ ماتېرىياللىرى بىلەن ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان نۇسخىنى بوياپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. بەختىيار ئەمەر ئىسىملىك بىر قىزچاق لى تيەنتيەننىڭ ياردىمىدە بوتقىنى قايتۇرۇش، ئىنچىكە ئايرىش، ئاقارتىش، دەزماللاش قاتارلىق باسقۇچلارنى تاماملاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چىگىپ بويىغان ئەسىرىنى پۈتتۈردى.

«سەنئەتنى قوغدىغۇچى» ياش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار مىڭ يىللىق خىيالىي ئارزۇسىنى بۈگۈنكى مودىغا ئايلاندۇردى؛ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۈگۈنكى بۇ مودا بەلكىم كەلگۈسىدە ئاجايىپ قىممەتلىك گۆھەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.