تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن

دىلنىگار ئىلھامجان:

مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

«قىزىم، ھەر كۈنى 60 كىلومېتىر تېيىلىپ، بەك چارچايدىكەنسىز، تەنھەرىكەتچى بولغىنىڭىزدىن پۇشايمان قىلامسىز؟»

«پۇشايمان قىلمايمەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، مەن باشقىچە غەيرەتكە كەلدىم، چوقۇم مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرىمەن».

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتە، دادا بىلەن قىز ئىككىيلەن ئالتە سائەت ۋاقىت پەرقى بولغان ئىككى جايدا ۋىيشىندا پاراڭلاشتى. دادىسى ئىلھامجان جۇڭگو شىنجاڭدا، قىزى دىلنىگار ئىلھامجان فىنلاندىيەدە ئىدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ 2 - كۈنى، دىلنىگار دالىدا قار تېيىلىش دۆلەت كوماندىسى بىلەن فىنلاندىيەگە بېرىپ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە، مەشىق سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، «ئۇ ماڭا يېقىندا ھەر كۈنى 60 كىلومېتىر تېيىلىۋاتقانلىقىنى، كۈندە دېگۈدەك يۇقىرى چەكنى بۆسۈپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بەك چارچىغانلىقىنى، تولىمۇ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» ئىلھامجاننىڭ يۈرىكى سەل ئېچىشتى.

دادىسىنىڭ قار تېيىلىش تاختىسىغا تايىنىپ يول مېڭىشنى ئۆگەنگەن دىلنىگار كىچىكىدىن تارتىپلا قار تېيىلىشقا قىزىقاتتى، لېكىن دادىسى قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى بولغاچقا، كەسپىي تەنھەرىكەتچى بولۇشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا، ئۇ قىزىدا ئىسكىرىپكا چېلىش قىزىقىشىنى يېتىلدۈردى.

دىلنىگار ئالتە يېشىدىن باشلاپ ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەندى، ئون يېشىدا، ئالتايدىكى مەكتەپلەر تەنتەربىيە دەرسىنى مۇز تېيىلىش مەيدانلىرى، قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا «كۆچۈردى»، ئۇ قار تېيىلىش بىلەن ئۇچراشتى. «دادامنىڭ تەنھەرىكەت تالانتى ئىرسىيەت قالغاچقىمىكىن، مەن تېيىلىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالدىم، ياخشى ئۆگىنىۋالدىم، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىسكىرىپكا چېلىشنى خالىماي، پەقەت قار تېيىلىشنىلا ئويلايدىغان بولدۇم.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپام ئامالسىز قوشۇلدى، لېكىن دادام قەتئىي قارشى تۇردى.

«قىش كۈنلىرى قەھرىتان سوغۇق، ياز كۈنلىرى پىژغىرىم ئىسسىق تۇرسا، قىز بالىنىڭ بۇنچە جاپا تارتىشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ كىم بىلسۇن، قىزىم قار تېيىلىشقا خۇمار بولۇپ قالغانىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن ئويلىنىش ۋاقتى بەردىم، ئەگەر راستىنلا ئۆگەنمەكچى بولسا، مەن ئۇنى رەسمىي مەشىقلەندۈرىمەن، بۇ يولدا ماڭغان ئىكەن، كېيىن يېنىۋالىمەن دېسە مەن ھەرگىز قوشۇلمايمەن» دېدى ئىلھامجان.

شۇنىڭدىن باشلاپ، دىلنىگار دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قار تېيىلىشنى سىستېمىلىق مەشىق قىلىشقا باشلىدى، چىدامچانلىقى ياخشى بولۇش دىلنىگارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا دالىدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم ساپا ئىدى. «دادام مېنى مەملىكەتلىك 12 -، 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەنھەرىكەتچى بولۇش نىشانىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇم» دېدى دىلنىگار.

2017 - يىلى، دىلنىگار تاللىنىش ئارقىلىق دالىدا قار تېيىلىش دۆلەت يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىغا كىردى. 2018 - يىلى 1 - ئايدا، دالىدا قار تېيىلىش دۆلەت يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىنىڭ شىنجاڭ گۇرۇپپىسى نورۋېگىيەگە بېرىپ ئۈچ يىل سىرتتا مەشىق قىلدى. «دەسلەپكى ئىككى يىلدا مەخسۇس تەرجىمان بار ئىدى، 3 - يىلىدىن باشلاپ، تىرېنېر بىلەن ئىنگلىز تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى، بۇنىمۇ ئۇنىڭ تەنھەرىكەتتىن باشقا ئېرىشكەن يەنە بىر ھاسىلاتى دېيىشكە بولىدۇ» دېدى ئىلھامجان.

بۇ يىللاردا، دىلنىگارنىڭ ئۆيدە تۇرغان ۋاقتى جەمئىي ئون كۈندىن ئاشمايدۇ، ئاتا - ئانىسى بىلەن پەقەت ئۈچ - تۆت قېتىملا كۆرۈشەلىدى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، 2019 - يىللىق خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى دالىدا قار تېيىلىش جۇغلانما نومۇر مۇسابىقىسىنىڭ نياۋچاۋ بېكىتىدە، 18 ياشلىق دىلنىگار ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە 2 - لىككە ئېرىشىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ تۈر بويىچە تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى؛ 2022 - يىلى، ئۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاللاندى؛ ئاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جايدىن كەلگەن ئۇ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا چوڭ قار ئۇچقۇنىنى «ياندۇرغان» ئاساسىي مەشئەل يەتكۈزگۈچىگە ئايلاندى. «مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ دالىدا قار تېيىلىش تۈرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېنىڭ ھازىرقى نىشانىم» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.