تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى سىزنى شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ (3)

قەشقەر ۋىلايىتى

    6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە مىللىي چالغۇ ياساش، قول-ھۈنەر سەنئىتى، ساپال بۇيۇملار، ئەنئەنىۋى ياغاچ ئويما، كەشتىچىلىك، دېھقانلار رەسىمى سىزىش ماھارىتى مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، يوپۇغا ناھىيەسى داۋاكۆل مەنزىرە رايونىدا «ئۇيغۇر مىللىتى چېلىشىشى» كۆرگەزمە پائالىيىتى، «گۈلباغ مەشرىپى» كۆرگەزمە پائالىيىتى، «ساپايى چېلىش سەنئىتى» كۆرگەزمە پائالىيىتى، «سارغايدى» چۆگلىمە چاق، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، قەشقەر شەھىرىدە خەتتاتلىقنى ھېس قىلىش پائالىيىتى، جۇڭگوچە رەسىمنى ھېس قىلىش پائالىيىتى، قەغەز قىيمىنى ھېس قىلىش پائالىيىتى، ياغاچ ئويما كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تاجىك خەلق ناخشىلىرى ۋارىسلىرى ۋە خەلق ئارىسىدىكى ناخشا ئېيتىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نەق مەيداندا يەنە تاجىك مىللىتىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى 

  6-ئاينىڭ 10-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىدە ئۈجمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش قول-ھۈنەر سەنئىتىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە 12 مۇقام ئورۇنداش ئويۇنى قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نومۇرلىرىنى ئورۇنداش، ھۆسنخەت، رەسىم ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، كۆچمە مۇزېي كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى؛ چىرا ناھىيەسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى؛ كېرىيە ناھىيەسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياغاچ ئويما ماھارىتى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ گۇما ناھىيەسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەغەز قىيما كۆرگەزمىسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى

    6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش كۆرگەزمە ئويۇن پائالىيىتى ئويۇنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

قومۇل شەھىرى

قومۇل چاشمىسى. سۈرەت مەنبەسى: قومۇل ئېلان قىلدى (哈密发布)

    6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى مەيدانى، قومۇل شەھەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى ئويۇن قويۇش زالى قاتارلىق جايلاردا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ھەم تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، كۆرگەزمە ئويۇنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كەشتىچىلىك، قەغەز قىيما، قاپاق سەنئىتى، دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تارباغاتاي ۋىلايىتى

    6-ئاينىڭ 11-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتى

    ئالتاي ۋىلايىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نۇقتىسى − «چىڭگىل سەنداۋ خەيزى خارابىسى توپى»دا تۈرلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ، نەق مەيداندا خارابە توپى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ ھەمدە باشتىن-ئاخىر بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە كۆچمە مۇزېيلارنى «مەكتەپلەرگە، يېزىلارغا، مەھەللىلەرگە، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قانۇن-نىزاملىرى بويىچە تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش، مۇزېي پىدائىيلىرى پائالىيىتى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مول، ئاجايىپ گۈزەل مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىنىدۇ، تەشۋىق قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىدىيەسى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.