تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى سىزنى شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ (2)

ئۈرۈمچى شەھىرى

    6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، غەربىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر كۆرگەزمىسى خۇڭسەن باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى يەنە ئۈرۈمچىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار تەكلىپ قىلىنىپ، نەق مەيداندا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ئۆگىتىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، مىدۇڭ رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى تەشۋىقات، كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نەق مەيداندا يەنە قول ھۈنەر-سەنئەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ھالقىلارمۇ بار.

قاراماي شەھىرى

    6-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2022-يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى «زامانىۋى تۇرمۇشقا تۇتىشىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سالاپەتنى نامايان قىلىش» تېمىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى باش تېما كېچىلىكى مايتاغ رايونىدىكى مايتاغ-كۇچا تاشيولى چوڭ لاگىرى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا قاراماي شەھىرى شۇنداقلا مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى رايونلاردىكى ھەر مىللەتنىڭ سەر خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى كۆرگەزمە قىلىندى.

    6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى زالىدا قەغەز قىيما، ئويما رەسىم، يىلتىز ئويما، لاي ھەيكەل ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، قاراماي شەھىرى مەدەنىيەت كوچىسى چايخانىسىدا يۈجۈ تىياتىرى، چىنچياڭ تىياتىرى، خۇاڭمېي تىياتىرى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنلىرى قويۇلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرىنىڭ بەيگە مەيدانىدا نادام يىغىلىشى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

    6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، جىڭ ناھىيەسى دوۋيىن نومۇرى «جىڭ . شېڭرەنچىسې (精河·声染杞色)»دا مۇك (慕课) دەرسخانىسى ئاچىدۇ، بۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان قەغەز قىيما، ساۋۇردىڭ ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ئارشاڭ ناھىيەسىدە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . جاڭغىر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى كاتتا مەرىكىسى» كۆرگەزمە ئويۇنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆرگەزمە ئويۇنى جاڭغىر  ئېيتىش، ئۇزۇن كۈي، قىسقا كۈي، توبشۇر چېلىش، ئەنئەنىۋى قەبىلىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، ساۋۇردىڭ ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۇرپان شەھىرى

تۇرپاندىكى ساياھەتچىلەر ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىدىن قەغەز ياساشنى ئۆز قولى بىلەن سىناپ باقماقتا.

    6-ئاينىڭ 11-كۈنى، تۇرپان شەھىرىدە تۇرپان مۇقامى، نازىركوم، خەلق ناخشىلىرى قاتارلىق ناخشا-ئۇسسۇل تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى كۆرگەزمە ئويۇنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەنە ساپال بۇيۇملار، ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىدىن ياسالغان قەغەز، كەشتىچىلىك، تالدىن توقۇلغان بۇيۇملار قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

    6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، بۈگۈر ناھىيەسىدە كەشتىچىلىك ھەم قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، يەنە «زامانىۋى تۇرمۇشقا تۇتىشىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سالاپەتنى نامايان قىلىش» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى مەخسۇس مەيدان سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نەق مەيداندا خەلق ناخشىسى، چالغۇدا مۇزىكا چېلىش، قوشاق، لەپەر(قوش كىشىلىك ئۇسسۇل) قاتارلىق نومۇرلار كۆرسىتىلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، خېجىڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى»دە «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش» باش تېما قىلىنغان «جاڭغىر» ئېيتىش مۇسابىقىسى، «مەشرەپ» كۆرگەزمە ئويۇنى پائالىيىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت كۆرگەزمە پائالىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، لوپنۇر ناھىيەسىدە چالغۇ چېلىپ لوپنۇر خەلق ناخشىسى ئېيتىش، ئېيتىشىش، قوشاق ئېيتىشىش ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىن «شىر ئۇسسۇلى، تاماق ئېتىش ئۇسسۇلى، قول ياغلىق ئۇسسۇلى» قاتارلىق نومۇرلار ئورۇندىلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، كورلا شەھىرىدە «كورلا سەنىمى» ئەنئەنىۋى ناخشا-ئۇسسۇل كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇلىدۇ ۋە 2022-يىللىق «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش بايرىمى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، باغراش ناھىيەسىدە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تەبرىك سۆزى قىلىش دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى، ناخشا-ئۇسسۇل، دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىش، دۇمباق چېلىش، چىپاۋ كۆرگەزمىسى شۇنداقلا كەشتە بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايىتى

دېھقانلار رەسىملىرى. سۈرەت مەنبەسى: كۇچا شەھىرى نۆل ئارىلىق

    6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، باي ناھىيەسى قىزىل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە باي ناھىيەسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان «سايرام سەنىمى»نى ئورۇنلاش ئەترىتى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئويۇنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە باي ناھىيەسىنىڭ توقۇمىچىلىق ھۈنىرى بولغان پالاس توقۇش ھۈنىرى نەق مەيداندا كۆرسىتىلىدۇ، باي ناھىيەسىنىڭ توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى، ئوسما قويۇش ئۆرپ-ئادىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىلىدۇ، باي ناھىيەسىنىڭ سايرام قېتىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تېتىپ بېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىدىن كۇچا مىس بۇيۇملىرى، كۇچا ساپال بۇيۇملىرى، كۇچا يەرلىك سوپۇنى، كۇچا چىمەن دوپپىسى، كۇچا كەشتىچىلىكى، كۇچانىڭ يۇلغۇندىن توقۇلغان بۇيۇملىرى، كۇچا دېھقانلار رەسىمى قاتارلىق تۈرلەرگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئاممىغا نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش بىلەن بىللە ھۈنەر ئۆگىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى، يەنە توردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.