تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​[يېڭى ياشلار]ۋەتەن ئېھتىياجلىق جاينىڭ ھەممىسى مېنىڭ يۇرتۇم

جاڭ لىڭشۆ:

​ۋەتەن ئېھتىياجلىق جاينىڭ ھەممىسى مېنىڭ يۇرتۇم

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ لىڭشۆ، مىجەزى ئوچۇق - يورۇق، ئۆزى چىرايلىق، ئاۋازى يېقىملىق.

داليەن سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇزىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن جاڭ لىڭشۆ 2020 - يىلى 8 - ئايدا قابا ناھىيەسىگە بېرىپ، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولدى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، بۈگۈنكى كۈندە جاڭ لىڭشۆنىڭ قابا ناھىيەسىدە غەربىي قىسىم پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى بىر قاتار كۆرۈنۈشلەر ئۇنىڭ قەلب ئېكرانىدا ئېنىق نامايان بولۇپ تۇراتتى.

«جاڭ لىڭشۆ، سىز راستىنلا پىدائىي بولۇپ غەربىي قىسىمغا بارماقچىمۇ؟» يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «شۇنداق، تەشكىلنىڭ ماڭا بۇ پۇرسەتنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جاڭ لىڭشۆ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا، دەل مۇشۇ پۇرسەت مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىمنى تېخىمۇ مول، رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى، دېدى.

ناھايىتى تېزلا، جاڭ لىڭشۆ قابا ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىندى. كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، ئۇ يەنە مەدەنىيەت تەشۋىقاتى، رىياسەتچىلىك - چۈشەندۈرۈش، سىن تارتىش - ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى «قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى».

«ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، مەن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىقتىن دادىل سۆزلەشكە، ئىش قىلالماستىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشكە يۈزلەندىم، ھازىرقى مەن ئەينى يىلى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققان داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى مېنى يېتىلدۈردى، ئىقتىدارىمنى ئاشۇردى، ياشلىق باھارىم بىلەن ئۆزگىچە كىشىلىك ھايات سەھىپەمنى يېزىپ چىقالىدىم، مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ئەرزىيدۇ، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك» دېدى جاڭ لىڭشۆ.

يېڭىدىن خىزمەتكە چىققاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، كۈندىلىك خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتتا، ئازراق ۋاقىتنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىپ، ئۇچۇرنى قانداق يېزىش، سۈرەتنى قانداق تەھرىرلەش، سىننى قانداق ئىشلەش ئۈستىدە قېتىرقىنىپ ئىزدەندى؛ تۈرلۈك پائالىيەت ۋە سورۇنلارنىڭ رىياسەتچىسى ۋە چۈشەندۈرگۈچىسى بولغاندا، ئۇ «نېمە يېزىلغان بولسا شۇنى ئوقۇپ بېرىش»تىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى پائال ئۆگەندى... ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچان ۋە مەغرۇرلۇق - ئالدىراقسانلىق قىلمايدىغان پەزىلىتى خىزمەتداشلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

«ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدا ئوخشاش بولمىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش مەن ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى چېنىقىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە مېنى شىنجاڭنى تېخىمۇ چۈشىنىش، شىنجاڭنى تېخىمۇ سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتىم ۋە ئەھمىيىتىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم» دېدى جاڭ لىڭشۆ.

ھازىرغا قەدەر، ئۇ قابا ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىغا ياردەملىشىپ 5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت سارايلىرىنى باھالاپ دەرىجىسىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملىدى؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قابا ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت كەسپى تەرەققىيات ئىشخانىسىغا ئەگىشىپ ئۈچ قېتىم ساياھەت ساھەسىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىنى قانات يايدۇردى؛ تۈرلۈك پائالىيەتلەردە 20 نەچچە قېتىم رىياسەتچى، چۈشەندۈرگۈچى بولدى.

«يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق <ياشلار ئىرادىلىك بولسا، ھەممە يەردە ئىرادە تىكلىيەلەيدۇ، ۋەتەن ئېھتىياجلىق جاينىڭ ھەممىسى مېنىڭ يۇرتۇم > دېگەن جاراڭلىق قەسەمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.» جاڭ لىڭشۆنىڭ سۆزلىرى باشتىكىدەكلا قەتئىي ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.