تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يىپەك يولى خەزىنىسى−شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى: قىزىل مىڭئۆي

  2022-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى

  مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى

  شىنجاڭدا مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار مول

  بۇ قېتىم

  سىزگە شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تونۇشتۇرىمەن

قىيادىكى قىزىل مىڭئۆينىڭ بىر قىسىم غارلىرى.

  شىنجاڭدا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، بىرى 1987-يىلى سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىللە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ سەددىچىن سېپىلى بايلىقى»؛ ئىككىنچىسى، 2014-يىلى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن «يىپەك يولى: چاڭئەنتىيانشان كارىدورى يول تورى»، يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى، قىزىل مىڭئۆي، سۇباشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە قىزىلگاھ تۇراسىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە.

  قىزىل مىڭئۆي

  ئورنى: باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا

  دەۋرى ۋە تۇتقان ئورنى: مىلادىيە 3-ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن ياسالغان چوڭ تىپتىكى تاش ئۆڭكۈر توپىدۇر

  مۇزات دەرياسى جىلغىسىدا

   مىڭئۆي تېغى باغرىدىكى قىيادا بىر چوڭ تىپتىكى غار توپى بار بولۇپ

  ئۇ دەل قىزىل مىڭئۆي.

  بۇ غار توپىنىڭ تۆت رايونى بار بولۇپ، نومۇر قويۇلغان ئۆڭكۈر 349

  بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر مۇكەممەل، تام رەسىملىرى بىرقەدەر كۆپ ساقلانغانلىرى ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ

  ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تام رەسىمدە

  بۇددا تەزكىرىسى، جاتاكا ھېكايىلىرى

  ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك مەنزىرىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتى خاتىرىلەنگەن

  يەنە غەربىي يۇرتنىڭ مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تاغ-دەريا، ئۇچار قانات، ھايۋانلارنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن

  20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا

  داڭلىق رەسسام خەن لېرەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم قىزىل مىڭئۆيگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ

  ماي بوياق رەسىم، سۇ بوياق رەسىم ئۇسۇلى ئارقىلىق زور مىقداردىكى تام رەسىملىرىنى تەقلىد قىلىپ سىزغان

  قىزىل مىڭئۆي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش

  بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.