تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىن كەلگەن يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە يول يۈرۈش چەكلىمىسى قويۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئاپتونوم رايوننىڭ گوۋۇيۈەن تارقاتقان 〔2022〕12- نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلىرى»( تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىياسەت- تەدبىرلىرى» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، توققۇز جەھەتتىكى 46 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

«ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىياسەت- تەدبىرلىرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا، توختاۋسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئادەتتىكى تاشيول ۋە تاشيول مۇلازىمەت رايونلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توسۇپ ئۈزۈۋېتىش ياكى تاقاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ناھىيە، يېزا، كەنت تاشيوللىرىنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. شىنجاڭغا كىرىدىغان يولدىن باشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە ۋە مۇلازىمەت رايونلىرىدا تەسىس قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىن كەلگەن يۈك ئاپتوموبىللىرىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە قويۇلغان يول يۈرۈش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئېگىزلىككە چەك قويۇش دېگەندەك نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەر بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يولىنى قەتئىي ئۈزۈۋېتىش بىلەن بىللە، قاتناش تورىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلار جايلاشقان ۋىلايەت، شەھەرلەردىن كەلگەن ياكى مۇشۇنداق ۋىلايەت، شەھەرلەرگە كىرىپ- چىققان يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا «دەرھال ئەۋرىشكە ئېلىش، دەرھال ماڭدۇرۇش، دەرھال ئىز قوغلاش» تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى قاتارلىقلار باشقا جايدا خېسۇەن تەكشۈرتسە، ھەقسىز بولۇش سىياسىتىدىن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدۇ، خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.