6- ئايدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجون مەنزىرە رايونىدا، سېرىق رەڭلىك ئالتۇنگۈل، سۆسۈن رەڭلىك نورۇزگۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، ئوتلاقنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزدى. كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، قارلىق چوققا، قارىغايزارلىق، ئوتلاقتىكى گۈل-چېچەكلەر ئۆزئارا بىرلىشىپ، ھەيۋەتلىك تەبىئىي رەسىم ھاسىل قىلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلدى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى
ئاپتورلار: ئىرىسكەلدى ساغات، فاڭ شۆنىڭ
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)