تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شەرقىي تىيانشان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ھېسابلىنىدۇ

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغىلى كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى قومۇل شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۇسۇلىنى تاللاپ، قومۇل شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلدى. مەنزىرە رايونىنىڭ كىلىماتى سالقىن، ئايلانما تاغ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوتلاقلار خۇددى گىلەمگە، قارىغايلىق كەڭ دېڭىزغا ئوخشايتتى، بۇ جاينىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى. 

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر تيەنشەنمياۋ مەنزىرە كۆرۈش راۋىقىدا شەرقىي تىيانشاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا. 

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر قومۇل شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.  

 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر تيەنشەنمياۋدا سەيلە قىلماقتا. 

 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر قومۇل شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. 

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، قومۇل شەرقىي تىيانشان مەنزىرە رايونىدىكى ئايلانما تاغ يولىدا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. 

        لى خۇا فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.