تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] غايە نۇرىدا چاقنىغان ياشلىق

فەن يىياڭ:

غايە نۇرىدا چاقنىغان ياشلىق

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

شەندۇڭ خېزې گۈل - چېچەككە پۈركەنگەن مودەنگۈلى ماكانى؛ قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى چېگرا رايوندىكى چەكسىز كەتكەن چۆللۈك. مەنزىرىسى پەقەتلا ئوخشاش بولمىغان ئىككىلا جاي فەن يىياڭنىڭ يۇرتى.

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، تاڭ سۈزۈلگەندە، فەن يىياڭ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەشغۇلات رايونىغا قاراپ ماڭدى. ماشىنىلارنىڭ ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە تىك پورشېنلىق پومپىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا جور بولۇپ، ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتى باشلاندى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، يەر - جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممە يېرى قۇم - شېغىللار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

تەبىئىي مۇھىتنىڭ قانچىلىك ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدىغان، ھېچنېمىدىن ۋاز كەچمەيدىغان روھى باشتىن - ئاخىر فەن يىياڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ كەلدى.

2020 - يىلى، فەن يىياڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزدى. ئۇ ئائىلىسىدىكى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، دەسلەپتە ئائىلىسىگە يېقىن جايدىن خىزمەت تاپماقچى بولدى. ئەمما ساۋاقداشلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا، بۇ ئىش فەن يىياڭغىمۇ تەسىر قىلدى.

«ياشلىق باھارىغا ھەمىشە قايناق ھېسسىيات ۋە قىزغىنلىق ھەمراھ بولغان بولىدۇ، لېكىن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش ئىرادىسى بىردەملىك ھاياجانلىنىش ئەمەس، شۇنداقلا قاراملىقمۇ ئەمەس.» يېزىپ بولغان خەتنى ئېلىپ، فەن يىياڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا بەل باغلىدى.

ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ راستىنلا كۆپچىلىككە جاۋاب خەت قايتۇرىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. بۇ، فەن يىياڭنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىش ئۆمۈرلۈك شەرەپ.

شۇ يىلى 9 - ئايدا، فەن يىياڭ لۇلياڭ نېفىتلىكى شىنەن نېفىت ئېلىش پونكىتىنىڭ قۇدۇق ئاستى مەشغۇلات رايونىغا تەقسىم قىلىندى. بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىدا، باك ئۈستىگە چىقىپ ماي مىقدارىنى ئۆلچەش كۈندىلىك خىزمەت ئىدى. فەن يىياڭ ئېگىزدىن قورقاتتى، 16 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تەڭشەپ ساقلاش باكىغا يامىشىپ چىقىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ خىرىس ئىدى. ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ تۆمۈر پەلەمپەينى بويلاپ ئاستا - ئاستا يۇقىرىغا چىقتى. «تۇنجى قېتىم ئەزەلدىن چىقىپ باقمىغان ئېگىزلىككە مېڭىپ چىقتىم» دېدى فەن يىياڭ.

قۇدۇق ئۈستىدىكى خىزمەت ئىرادىنىلا ئەمەس، قابىلىيەتنىمۇ سىنايتتى. بىر قېتىم، يېڭى يىلدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا، دەل يېڭى قۇدۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتچى خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، فەن يىياڭنىڭ پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش جەريانىغا قاتنىشىشىغا توغرا كەلدى.

«بۇ مەن قولۇمغا ئالغان تۇنجى چوڭ ئىش، چاتاق چىقسا بولمايدۇ!» ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، فەن يىياڭ كەمتەرلىك بىلەن خىزمەتداشلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى، ئۆگەندى.

«ھەربىر جۈملە سۆزنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ، قايتا - قايتا ئاڭلىدىم.» فەن يىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ بىرنەچچە كۈندە ئۇ ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان ۋە بەرگەن تېلېفون 100دىن ئاشقان.

ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شۇ كۈنى، ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولدى. توكچى ئۇستام توك ئۇلاشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، پەلەي كىيمەي مەشغۇلات قىلىپ، توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچنى ئېلىپ ئۆلچىدى، يەنە بىر ئۇستام سوغۇقتا شۇ تۇرغىنىچە بىر سائەت تۇردى. بۇ كۆرۈنۈشلەر فەن يىياڭنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. ئۇ نەق مەيداندا پۈتۈن جەرياننى كۆزىتىپ، ئالتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى قۇدۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

ھەممە ئىشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، فەن يىياڭ بىر پارچە سۈرەت تارتىپ، بېسىپ چىقارغاندىن كېيىن يېنىغا «پايانسىز دېڭىزدا بېلىق كەبى ئۈزدۈم، قۇملۇقلاردا دۇلدۇل مىسالى چاپتىم» دېگەن بىر جۈملە شېئىرنى يېزىپ قويدى، بۇ، ئەزىمەتلەر ھەم دېڭىزدا ئەركىن ئۈزەلەيدۇ، ھەم قۇملۇقلاردىمۇ ئۇچقاندەك چاپالايدۇ، دېگەن مەنىدە ئىدى. بۇ سۈرەت ئىزچىل ئۇنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە تىزىپ قويۇلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.