تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مامۇق چاپىنىڭىزنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ، يازنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ

    يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ماروژنا يەيدىغان ۋاقىت كېلىدۇ، ئەگەر ئىسسىقتىن قورقسىڭىز ياكى ئۆزگىچە بىر مەيدان ساياھەتكە ئاتلانغۇڭىز بولسا، دەرھال مامۇق چاپىنىڭىزنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ يازنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ.

تۆمۈر مۇزلۇقى 

   تۆمۈر مۇزلۇقى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7443.8 مېتىر كېلىدۇ، تومۇز ئىسسىق ياز پەسلىدىمۇ، بۇ يەر يەنىلا قار-مۇزلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئالتە چوڭ مۇزلۇقنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

    تۆمۈر چوققىسى رايونى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھازىرقى زامان مۇزلۇق تەسىرىگە ئۇچرايدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، جەمئىي 829 مۇزلۇق بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى 509 مۇزلۇق دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە. بۇ يەردىكى قار-مۇز قاتلىمى نەچچە مىڭ كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇزلۇق تۆمۈر چوققىسىنىڭ شىمالىدىكى خانتەڭرى چوققىسى مۇزلۇقى بولۇپ، دۇنيادىكى سەككىز چوڭ جىلغا مۇزلۇقىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ «دۇنيادىكى بىرىنچى مۇزلۇق» دەپ ئاتالغان، ئۇزۇنلۇقى 60.8 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

  مۇزلۇقنىڭ ئېرىش رايونىدىكى تېرموكاست ھادىسىسى نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ مۇزلۇق مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن، چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچىگىلى بولمايدىغان مۇز كۆل، تېگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان مۇز يار، يەنە سۇس كۆك، يېشىل رەڭلىك مۇز ئۆڭكۈرلەر، مۇز موگۇ، مۇز ئاستى دەرياسى قاتارلىقلار بار. تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرى بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئارانلا نەچچە گىرادۇس بولۇپ، سالقىندايدىغان ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. 

مۇزتاغ مۇزلۇقى 

سۈرەت مەنبەسى: «شىنجاڭ ياخشى جاي» يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

    مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان، «مۇزتاغ ئاتىسى» دەپ نام ئالغان دۇنياغا داڭلىق مۇزتاغ چوققىسى ئاستىدا بولۇپ، تاشقورغان ناھىيەسى بازىرىغا 70 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5000 مېتىر كېلىدۇ. 

سۈرەت مەنبەسى: «شىنجاڭ ياخشى جاي» يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    مۇزتاغ مۇزلۇقىنىڭ بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا مىليون يىلدىن ئاشقان بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن تەتۈر نۇرسىمان مۇزلۇقلار بار، قېلىن مۇز قاتلىمى تاغ چوققىسىنى قېلىن ئوراپ تۇرىدۇ، غايەت زور مۇزلۇق تاغ جىلغىلىرى ئارىسىغا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ كارامىتىدۇر. 

سۈرەت مەنبەسى: «شىنجاڭ ياخشى جاي» يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

    تاغ ئېتىكىدە سىز مۇزلۇق بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشالايسىز، غايەت زور مۇز ئۆڭكۈرلىرى، مۇز مۇنارلار كۆز ئالدىڭىزدىلا بولۇپ، مۇزلۇقتىن ئېرىگەن سۇ تاغ ئېتىكىدە يىغىلىپ كۆل ھاسىل قىلغان، مۇزلۇقلار تەبىئەتنىڭ «سىرلىق قەلىمى» ئاستىدا ئاجايىپ-غارايىپ شەكىللەرگە كىرگەن بولۇپ، سىزگە يازدىكى تومۇز ئىسسىقنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. 

    بۇ يەردە گۈزەل ھەم ھەيۋەتلىك مۇزلۇق، مۇز تىلى، مۇز مۇنارلار ۋە سىرلىق مۇز ئۆڭكۈرلەر بار... بۇ يەردىكى خىلمۇخىل مەنزىرىلەر تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىدۇر. بۇ يەردە غەلىتە تاغ، غەلىتە تاشلارنى، ئاجايىپ گۈل-گىياھلارنى، ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى تاماشا قىلالايسىز، بۇ يەردە سالقىندىغىلى، ساياھەت قىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە سىرلىق تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. 

تىرام كەڭگىرى مۇزلۇقى 

    تىرام كەڭگىرى​ مۇزلۇقى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدىكى تىرام كەڭگىرى چوققىسىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان، مۇزلۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «قاتتىق سۇ مۇنارى» ھېسابلىنىدۇ. 

    تىرام كەڭگىرى مۇزلۇقى تىپىك ھازىرقى زامان مۇسسۇن شامىلى تىپىدىكى مۆتىدىل مۇزلۇق بولۇپ، گۈزەل مۇز ئەگمىلىرى بىلەن داڭق چىقارغان، مۇزلۇق يەنە يىغىلىپ قالغان قار ۋە مۇزلۇقنىڭ ھەرىكىتىدە 800-700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇز شارقىراتمىنى شەكىللەندۈرگەن، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىسىگە ھەيران بولماي تۇرالمايسىز. 

    تىرام كەڭگىرى مۇزلۇقىدىكى ئېگىزلىكى نەچچە ئون مېتىر كېلىدىغان مۇز مۇنار ئورمىنىمۇ بۇ مۇزلۇقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، مۇزلۇقتىكى تۇتاش مۇز مۇنارلار ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلارنى شەكىللەندۈرگەن، مۇز تىلىنىڭ ئۈستۈنكى يۈزى پاكىز بولۇپ، مۇز مۇنارى ۋە ھەر خىل شەكىللىك مۇز ئويمىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، مۇز چوققىنىڭ ئاستىدا مۇز كۆل بار، تومۇز ياز كۈنلىرىدە قار-مۇزلار ئېرىپ چۈشۈپ زۇمرەتتەك سۇ دولقۇنىنى ھاسىل قىلىپ كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ. 

    گۈزەل مۇزلۇق ياز كۈنلىرى ساياھەتكە بارىدىغان ئەڭ ياخشى جاي، ئەمما دوستلار مۇھىتنى قوغداشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئەخلەتنى خالىغانچە تاشلىماڭلار!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.