تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] ياشلىق باھارىمنى ئاساسىي قاتلامدا تاۋلاپ چېنىقتۇرىمەن

رۇەن سىيا:

ياشلىق باھارىمنى ئاساسىي قاتلامدا تاۋلاپ چېنىقتۇرىمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ

5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېتانسىزلاشتۇرۇش مۇنارىدا، قىزىل خىزمەت كىيىمى كىيگەن رۇەن سىيا ئۈسكۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى يېڭىلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلىنى يېڭىشتىن ئېگىز بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىشنى پىششىق بىلىشكىچە، ئۇنى ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرگىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ» دېگەن ئىلھاملاندۇرۇشى بولدى.

2020 ـ يىلى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىرلىكتە خەت يېزىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى، شەنشى شاڭلودىن كەلگەن رۇەن سىيا دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

شۇ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئۇلار باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. «بۇ، بىباھا ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، بىز ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان پېشقەدەملەرنىڭ بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدىن كۈتىدىغان تىلىكى.» رۇەن سىيا قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدا تاۋلىنىپ چېنىققان، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىمنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، رۇەن سىيا جۇڭگو نېفىت گورۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2 ـ زاۋۇتىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئىككى يىل ئىچىدە، ئۇ نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىن قەھرىتان سوغۇقتا، قار ـ شىۋىرغانغا قارىماي، قاتار ـ قاتار نېفىت قۇدۇقلىرى ئارىسىدا ئۇيان ـ بۇيان قاتراپ يۈردى؛ يەنە يازدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۇستىلىرى بىلەن بىپايان چۆللۈكتە چارلاپ تەكشۈردى.

«ئەرلەردىن قېلىشمايمەن» دېگەن ئېتىقادىغا تايىنىپ، رۇەن سىيا داشۆنى پۈتكۈزگەن ياش ئوقۇغۇچىدىن ناھايىتى تېزلا ئۆزى يالغۇز ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تېخنىكا ماھىرىغا ئايلاندى. بۇ يىل 5 ـ ئايدا، رۇەن سىيا جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇپ باھالاندى.

ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان رۇەن سىيا، قىسقىغىنا بىر يىلدىلا 9 ـ نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونىدىكى 100دىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقى ۋە پونكىت، ئىسكىلاتلاردىكى ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ماتېرىيالىنى رەتلەپ توپلام قىلدى ھەم ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات دەپتىرىگە كىرگۈزۈپ، ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش مۇرەككەپ، چېگىش، قالايمىقان بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق نېفىت ئېلىش قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى − ماخۇ يېڭى رايونىدا، رۇەن سىيا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى بىرنەچچە ۋەزىپىنى تەڭلا ئۈستىگە ئالغان. يېشى ئەڭ كىچىك رۇەن سىيا دائىم ئېغىر كۇلۇچ، ئامبۇر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ نېفىت قۇدۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ.

«ماخۇ يېڭى رايونى شەھەر رايونىدىن بىرقەدەر يىراق، خىزمەتنىڭ نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىتلاردا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكنى ئۆزىمىز قىلىمىز.» رۇەن سىيا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ 120 جىڭ كېلىدىغان بەدەن ئېغىرلىقىم مانا مۇشۇنداق چېنىقىشتىن كەلگەن».

ماخۇ يېڭى رايونىدا گورىزونتال قۇدۇق كۆپ، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، دائىم «بىنورمال قۇدۇق» ئەھۋالى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىم رۇەن سىيا كەسپىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق نېفىت قۇدۇقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋاقتىدا توپلاپ ئانالىز قىلىدۇ ھەم تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، رۇەن سىيا تەجرىبىسى مول پېشقەدەم ئۇستاملاردىن مەسلىھەت سورايدۇ.

«ھازىر گۇمانلىق، قىيىن، چېگىش مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئۆزۈممۇ ھەل قىلالايمەن.» رۇەن سىيانىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئىككى يىل جەريانىدا ئۇنىڭ چۆل ـ باياۋاندىكى كاچالكا ۋە ئۆلچەش ئۆيلىرىنى ئايلىنىپ، كاشىلا چىققان نېفىت قۇدۇقلىرىدا نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى قېتىم ـ قېتىملاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن كەلگەن.

«غايىگە تۇتىشىدىغان يول ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. مەن باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشلىق بەيگە يولىدا زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يارىتىمەن» دېدى رۇەن سىيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.