تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ھېچكىم خوتەندىن ئاچ قورساق ئايرىلمايدۇ!

    ئەگەر خوتەنگە كەلسىڭىز ئورۇقلاشنى ئويلىماڭ، بولۇپمۇ كەچتە تاماق يېمەيمەن دېمەڭ، بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!

    ھەربىر شەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسى بولىدۇ، مەسىلەن، چېڭدۇنىڭ خوگوسى، چۇڭچىڭنىڭ زىخلىق يېمەكلىكلىرى... شىنجاڭ خوتەندە، كەچلىك بازار دەل ئۇنىڭ خاس بەلگىسىدۇر.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

  بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقنى ئاخىرلاشتۇرغان كىشىلەر بېرىشنى ئەڭ خالايدىغان جاي دەل كەچلىك بازاردۇر. تۈن پەردىسى يېيىلىپ شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى چىراغلار چاقناپ تۇرغان كەچلىك بازارغا مۇجەسسەملىنىدۇ، بۇ يەردە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنالايسىز.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

سۈرەت مەنبەسى: HenryYe@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

  كاۋاپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، سامسا، كەپتەر كاۋىپى... ئېسىل يېمەكلىكلەر كۆپ ھاللاردا ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئېتىلىدۇ، «قاقلاپ پىشۇرۇش» شىنجاڭغا تەۋە خاسلىق، خوتەنگە خاس تەم بولۇپ، مايلىرى تەپچىرەپ تۇرغان ھەر خىل كاۋاپلار ئۇستامنىڭ قولىدا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئاجايىپ ئېسىل تەمگە كىرىدۇ.

    كەچلىك بازاردىكى كاۋاپلار چوڭ، مىقدارى يېتەرلىك، تەمى يېڭى. مەززىلىك كاۋاپ پىشۇرۇشتا ئەڭ ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەتلەر كەم بولسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە، گۆشكە پىياز، قارىمۇچ، تۇز، تۇخۇم قوشۇلۇپ نەچچە سائەت تەم كىرگۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گۆش تېخىمۇ يۇمران بولۇپ، قاڭسىق پۇرىقى يوقايدۇ، بۇنىڭغا كاۋاپ نان، پىۋا قوشۇلسا... ( شۆلگىيىڭىزنى تېز سۈرتۈڭ...)

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

  قاقلانغان تۇخۇم خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ بىر چوڭ خاسلىقى، توخۇ تۇخۇمى، ئۆردەك تۇخۇمى، غاز تۇخۇمى، بۆدۈنە تۇخۇمى، كەپتەر تۇخۇمى... ئىشقىلىپ تۇخۇملا بولىدىكەن، ھەممىسىنى قاقلاپ پىشۇرۇشقا بولىدۇ. قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم بىلەن سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ تەمى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، تۇخۇمنىڭ ئېقى سىلىق، ئېلاستىكلىققا ئىگە، سېرىقى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ كۆيگەندىكى مەززىلىك پۇرىقىدىن باشقا، تۇخۇمدىن سىرغىپ چىققان شىرنىنىڭ مەززىلىك پۇرىقىمۇ سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

  مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان ياز پەسلىدە، ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەر تەبىئىيلا كەم بولسا بولمايدۇ، ئۈزۈم، ئۆرۈك، تاۋۇز، قوغۇن...

سۈرەت مەنبەسى: HenryYe@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

    قېتىق زۇڭزا كەچلىك بازاردىكى بازىرى ئىتتىك يېمەكلىك، كوئېنلۇن چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ سۈتىدىن ئېچىتىلغان قېتىققا مېۋە مۇرابباسى، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلۇپ، چۈچۈمەل تاتلىق، مۇزدەك سوغۇق زۇڭزا تەييار بولىدۇ، بۇ تەمگە ئېغىز تەگسىڭىز 6-ئايدىكى خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئەڭ تاتلىق كىشىگە ئايلىنىسىز.

سۈرەت مەنبەسى: خوتەن ياخشى جاي (和田是个好地方)

    خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى مەززىلىك تائاملار بىلەن قورسىقىڭىزنى تويغۇزۇپ، سەھنىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغان چېغىڭىزدا، مەيلى چوڭ بوتۇلكىلىق شىخو پىۋىسى ياكى كاۋاس بولسۇن، يەنە بىرنەچچە ئىستاكان ئىچىمەي چىداپ تۇرالمايسىز.

سۈرەت مەنبەسى: VXyiyang 7900@دوۋيىن (抖音)

   خوتەن كەچلىك بازىرى كونا كەچلىك بازىرى ئۆي ئىچىدىكى تار ھەم ئۇزۇن كەلگەن بازار بولۇپ، بىر قاراپلا بۇ يەردىكى مەززىلىك تائاملارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكىنى بىلەلەيسىز.

    خوتەن كەچلىك بازىرى كونا كەچلىك بازىرىنىڭ تىجارەت ۋاقتى: 24:00-18:00 (بۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

    خوتەن كەچلىك بازىرى يېڭى كەچلىك بازىرىنىڭ مەركىزىدە 360 گىرادۇسلۇق پۈتۈن مەنزىرىلىك سەھنە بار، بۇ يەردە ھەر كۈنى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇندىلىدۇ. تىجارەت ۋاقتى: 24:00-18:00 (بۇنىڭدىن  پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.