تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار]پايانسىز چۆل - جەزىرىدە ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش

دىڭ گۇيياڭ:

پايانسىز چۆل - جەزىرىدە ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دىڭ گۇيياڭ دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىزمەت ئورنىغا قايتتى. ئاپتوموبىل كۆز يەتكۈسىز چۆللۈككە كىردى، ئۇ بارغانسېرى سالماق بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. «نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا زېرىكىشلىك تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك، ھازىر بىرىنچى سەپتىن ئايرىلىپ شەھەرگە كىرسەم مەن تېخى ئازراق كۆنەلمەي قالىمەن!» دېدى 24 ياشلىق دىڭ گۇيياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

دىڭ گۇيياڭنىڭ ئۆيى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ دېڭىز - ئوكيان پۇرىقىغا تولغان گۈزەل شەھەر. 2020 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەندە، دىڭ گۇيياڭ دېڭىز - ئوكياندىن ئەڭ يىراق بولغان شىنجاڭدا قېلىشنى تاللىدى: «مېنىڭ ئۆگەنگىنىم بايلىق چارلاش - تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى كەسپى، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، مەن بۇ يەردە قالسام، كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى تېخىمۇ ئىشقا ئاشۇرالايمەن».

ئەينى يىلى، دىڭ گۇيياڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلغان 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىر پارچە خەت يازدى ھەم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«خەتتە باش شۇجى بىزنىڭ تاللىشىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىزنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالغان شۇ كۈنى كەچتە، بىز بىر يەرگە جەم بولۇپ ئايرىلىشقا ئۇزاققىچە قىيالمىغانىدۇق» دېدى دىڭ گۇيياڭ.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، دىڭ گۇيياڭ پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ بازىرىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى غەربىي جەنۇب تارىم چارلاش - ئېچىش شىركىتى بودا نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش بۆلۈمىگە كېلىپ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى، ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرىدىغان جايى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ داچياۋ يېزىسىدىكى كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكتە ئىدى.

«بىزنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز ئون نەچچە كىلومېتىر، ھەرقايسى نېفىت، گاز قۇدۇقلىرى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقىمىز 40 - 50 كىلومېتىر كېلىدۇ» دېدى دىڭ گۇيياڭ. خىزمەتكە قاتناشقان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، دىڭ گۇيياڭ بىرىنچى سەپتە جاپالىق مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈردى ھەم قىشتىكى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، يېڭى قۇدۇقنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، قۇراشتۇرۇش - تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قاتناشتى.

دىڭ گۇيياڭ يەنە «ياشلار مۇنبىرى»نى قۇردى. «بىز بىر تۈركۈمدە مەكتەپ پۈتكۈزگەن جەمئىي 16 نەپەر ئوقۇغۇچى بودا نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش بۆلۈمىگە كېلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلدۇق. ئەگەر بىزنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىر سۇپىمىز بولسا قاقاس قۇملۇققا يۈزلىنىشنى تاللىغان ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، چوقۇم قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئىرادىنى چىڭىتىش رولىنى ئوينىغان بولاتتى» دېدى دىڭ گۇيياڭ.

ئېچىش بۆلۈمى رەھبەرلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ھەر ھەپتىدە بىر قارار ئۆتكۈزۈلىدىغان «ياشلار مۇنبىرى» بارلىققا كەلدى. دەسلەپتە، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى ھاسىلاتلىرى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، پىكىر ئالماشتۇردى، كېيىن مۇنبەر ھەربىر قاراردا بىر يۈرۈش ھۈنەر - تېخنىكا ياكى بىر تەرتىپنى ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتىلدى ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنىپ، يېڭى كەلگەن خادىملارنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تېزدىن پىششىق ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىلدى.

«مەن نېفىت - گاز قۇدۇقى ئېچىش نەق مەيدانىدا خىزمەت قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىي گازنى ساپلاشتۇرۇش ۋە سۇنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ماھارەتلەرنى ئىگىلىدىم. باشقا ئىش ئورنىدىكى خىزمەتداشلارمۇ بىر ئىشلەپچىقىرىش قۇدۇقىنى چارلاشتىن تارتىپ ئېچىشقىچە بولغان ھۈنەر - سەنئەت ۋە ئىش تەرتىپىگە قارىتا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.» دىڭ گۇيياڭ مۇنداق دېدى: ئەتراپلىق يېتىلىش كۆپچىلىكنى مۇھىم ۋەزىپىنى بالدۇرراق زىممىگە ئېلىشتا تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.