تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تورداشلار بۇ جايدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياساش جەريانىنى كۆرەلەيدىغان بولدى

ئون قەدەمدە بىر ھۈنەرۋەن، يۈز قەدەمدە بىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش قۇملۇق گىرۋىكىدىكى ئەنئەنىۋى چالغۇ كەنتىنى تورغا يۈزلەندۈردى −

تورداشلار بۇ جايدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياساش جەريانىنى كۆرەلەيدىغان بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

45 يىل قولدا چالغۇ ياساش بىلەن شۇغۇللانغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى نۇردۇن ئىسمايىل ئۆزى ياسىغان چالغۇلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تور ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭغا، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، مۇخبىر توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى نۇردۇننىڭ ئۆيىگە كىردى، ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭىغا قولدا ياسالغان ھەرخىل چالغۇلار ئېسىلغان، كۈن نۇرى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ چالغۇلارغا چۈشكەن بولۇپ، چالغۇ ياڭراتقۇسىدىكى نەقىشلەر خۇددى ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، ئارقا ھويلىدىن چالغۇ ياساش ماتېرىياللىرىنى ھەرىدەۋاتقان ئاۋاز پات ـ پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى، نۇردۇن ھويلىدىكى تۆمۈر كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ چالغۇغا تارا ئورنىتىپ ئاۋازىنى تەڭشەۋاتاتتى.

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن نۇردۇن 15 يېشىدىن باشلاپلا چالغۇ ياساشنى ئۆگەنگەن، ئۇ 3 ـ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇپ، 100دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلىۋى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا 15 ئىشچى بار بولۇپ، ھەر ئايدا 300 چالغۇ ساتالايدۇ، بۇنىڭ يېرىمى توردا زاكاز قىلىنغان.

ئىلگىرىكى مالنى يۈدۈپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىشتىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ساياھەتچىلەرنىڭ سېتىۋېلىشىنى ساقلاشقىچە، ئاندىن ھازىرقى يان تېلېفوننى ئېچىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشقىچە، نۇردۇن ھەممىلا يەردە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە، ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جاي كەنتىنىڭ ئەزەلدىن «جۇڭگو شىنجاڭ ئەل ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساشتىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن چىرايلىق نامى بار. 300 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەردىكى كىشىلەر بىر تەرەپتىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياسىغان. بۇ ئەنئەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

«ھازىر، كەنتىمىزدىكى 347 ئائىلىلىك 1300دىن ئارتۇق كىشى ئىچىدە 106 ئائىلىلىك 200دىن ئارتۇق كىشى چالغۇ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنى <ئون قەدەمدە چوقۇم ھۈنەرۋەن ئۇچرايدۇ> دېيىشكە بولىدۇ. چالغۇ ياساش، پىششىقلاش كەنتىمىزنىڭ مۇھىم كەسپىگە ئايلاندى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 4 ـ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى جۇڭ شيۇمېي.

«ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ھۈنەرنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىز جەزمەن بارغانسېرى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.» نۇردۇن مۇنداق دېدى: خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، چالغۇ ياڭراتقۇسىدىكى نەقىشلەردە ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئەسلىدىكى نەقىش ئويۇشتىن ھازىرقى گۈل چاپلاش، سەدەپ ئورنىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چالغۇ ياڭراتقۇسىنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈردۇق.

گەپ ئارىلىقىدا، نۇردۇن بىرنەچچە چالغۇنى تەڭشەپ، ئوغلىغا ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە ئاپىرىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىشنى ئېيتتى. «ئوغلۇم بۇ چالغۇلارنى سىنغا ئېلىپ توردا تارقاتقاندىن كېيىن، خېرىدارلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مەخسۇس زاكاز قىلغان.» نۇردۇن مۇنداق دېدى: ھازىر ئوغلۇم قىسقا سىن ئىشلەپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتىدۇ، مەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشقا ئىزچىل گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنىدىم، چۈشكەن زاكاز تالونلىرىنى كۆرۈپ قايىل بولدۇم.

«كەنتىمىز ئالدى بىلەن دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالىنىپ نام چىقاردى، كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، كېيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش جاي كەنتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇتتى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بىز ھۈنەرۋەنلەر بولدۇق» دېدى نۇردۇن.

«بۇلتۇر سېتىش سوممام 1 مىليون يۈەنگە يەتتى، چالغۇلارنىڭ يېرىمى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق سېتىلدى، ھازىر كەنتتە چالغۇ ياسايدىغان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىۋاتىدۇ.» يۇرتۇم چالغۇ سېتىش دۇكىنىنىڭ ئىگىسى قۇربان شەمشى پۇختا ئورالغان بىرنەچچە دۇتارنى ئېلىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا قويۇپ، تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە ئاپىرىپ بېرىشكە تەييارلاندى.

قۇرباننىڭ قارىشىچە، كەنتتىكى ھۈنەرۋەنلەر ئارىسىدا ھەم رىقابەت مۇناسىۋىتى ھەم ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. «كۆپچىلىك ھۈنىرىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، چالغۇلارنى تېخىمۇ ياخشى ياساپ، خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ ئالقىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا توختىماي بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، جاي كەنتى چالغۇلىرىنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىپ، سېتىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى» دېدى قۇربان.

«ئىلگىرى جاي كەنتى چالغۇ ياساشتا ھۈنەرخانا شەكلىدە، تارقاق ھالەتتە پىششىقلايتتى، بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ياساش ئۈچۈن، 2020 ـ يىلى بىز نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ چالغۇ پىششىقلاش كەسىپلەر باغچىسى قۇردۇق، كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن 100دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 3500 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.» جۇڭ شيۇمېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، كەسىپلەر باغچىسىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق چالغۇ ياسالدى، 2021 ـ يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ چالغۇ سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان چالغۇ پىششىقلاش كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگەندە، پىششىقلاش سېخىنىڭ تۈرلۈك چالغۇلارنىڭ «قورسىقى» ۋە «بوينى» بىلەن تولغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىرقانچە ھۈنەرۋەن پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قول سېلىپ ئىشلەۋاتاتتى. ئىش ئورنىدا ئابلەت ئەخمەت چالغۇ ياڭراتقۇسىنىڭ يۈزىنى چاپلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا بىر نۇر بېرىش چىرىغى قويۇلغان بولۇپ، جازىغا بىر يان تېلېفون ئورنىتىلغانىدى، چالغۇ ياساش ھۈنىرى جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا ئايلانغانىدى. «مەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە ياساش ھۈنىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن، يەنە تېخى مال ساتىمەن، سودا ياخشى بولغاندا بىر ئايدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئارقىلىق 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن» دېدى ئابلەت.

بۇ يەردە پەقەت چالغۇ ياساش، ھەرىدەش، ئاۋاز تەڭشەشتىن چىققان ئاۋازلار ئاڭلىنىپلا قالماي، يەنە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى توۋلاپ سېتىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

پىششىقلاش سېخىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كۆرگەزمە زالىدا، ئاماننىسا ياسىن تورداشلارغا چالغۇنىڭ تۈرى ۋە ئىش ھالقىلىرىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. «مەن ھەر كۈنى بۇ يەردە ئىككى سائەت بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، تورداشلارغا بىزنىڭ ئىشلەش تەرتىپىمىزنى تونۇشتۇرىمەن، شۇنداقلا سازەندىلەرنى ساز چېلىشقا تەكلىپ قىلىمەن، بىزنىڭ چالغۇلىرىمىز ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى» دېدى ئاماننىسا.

جاي كەنتىدە قولدا ياسالغان چالغۇلار بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىلغاندىن بۇيان، سېتىلىش مىقدارى يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى، كەنت كەسىپلەر باغچىسىنى كېڭەيتىشكە تۇتۇش قىلدى. «زاۋۇت ئۆيىنى كېڭەيتىپ، خىزمەتچىلەرنى كۆپەيتىمىز، ۋاقتى كەلگەندە 200 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، نىشانىمىز يىللىق سېتىش سوممىسىنى 20 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش» دېدى جۇڭ شيۇمېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.