تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

زۇڭزا تۈگۈپ، ئويۇن كۆرۈپ قويۇق دۇەنۋۇ بايرىمى مۇھەببىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش

6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئاھالىلەر بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ شۈيتاشەن كوچا باشقارمىسى خۇايۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ «خۇشپۇراق زۇڭزا تۈگۈش . ئاھالىلەرگە رىشتە باغلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەھەللە كادىرلىرى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، زۇڭزا تۈگۈپ، مۇڭدىشىپ، كاتتا بايرامنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئارتىس ئاھالىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئارتىس ئاھالىلەرگە ناخشا ئېيتىپ بەرمەكتە.

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8 - تارماق ئەترىتى «زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى . ساقچى گازارمىسىدىكى قويۇق مېھرى - مۇھەببەت» تىمىسىدا دۇەنۋۇ بايرىمىدا زۇڭزا تۈگۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خەلق ساقچىلىرى ساقچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى گازارمىغا كېلىپ، بىللە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، دۇەنۋۇ بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8 - تارماق ئەترىتى «زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى . ساقچى گازارمىسىدىكى قويۇق مېھرى - مۇھەببەت» تىمىسىدا دۇەنۋۇ بايرىمىدا زۇڭزا تۈگۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.