تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

زۇڭزا تۈگۈش، رەڭلىك تۇخۇم سىزىش، خۇشپۇراق بولاق ياساش شىنجاڭدا دۇەنۋۇ بايرىمى مۇشۇنداق قىزىيدۇ

6 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ خاربۇ بازىرى ئۈزۇر يولى مەھەللىسى شيەنچۈەن مەيدانىدا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى دۇەنۋۇ بايرىمى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش شەكلىدىكى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

لى ۋېنتىڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى ساغلاملىق يولىدىكى بىر تاللا بازىرىدىن زۇڭزا سېتىۋالماقتا. دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، كۇچا شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، بازارلاردىكى تۈرلۈك زۇڭزا، كۆكتات، گۆش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بايراملىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى ساغلاملىق يولىدىكى بىر تاللا بازىرىدىن زۇڭزا سېتىۋالماقتا. دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، كۇچا شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، بازارلاردىكى تۈرلۈك زۇڭزا، كۆكتات، گۆش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بايراملىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى بازىرى ئېلسىن تولغاي جەنۇبىي كەنتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5 ـ شىسى شۇاڭخې شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەت شۆبە ئەترىتى بىلەن بىللە دۇەنۋۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى ئارتىسلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگۈپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، دۇەنۋۇ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

مۇرادىل ماناس فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، بالىلار خۇشپۇراق خالتا ياساشنى ئۆگەنمەكتە. شۇ كۈنى، سانجى شەھەرلىك 4 - يەسلى «ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمىغا مۇھەببەت باغلاش» باش تېما قىلىنغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. كىچىك دوستلار مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەڭلىك يىپ توقۇپ، خۇشپۇراق بولاق ياساپ، زۇڭزا تۈگۈپ، رەڭلىك تۇخۇم سىزىپ، گۈل تىزدى ......جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشەندى.

ياڭ بىن فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، بالىلار زۇڭزا تۈگۈشنى ھېس قىلماقتا. شۇ كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى زالىمتى يېزىلىق يەسلى خۇبېي ئۆلكىسى گۇيشيەن ناھىيەلىك 3 - يەسلىسى بىلەن توردا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئىككى جايدىكى كىچىك دوستلار سىن ئارقىلىق بىللە زۇڭزا تۈگۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزگىچە دۇەنۋۇ بايرىمى ئۆتكۈزدى.

ۋۇ يۈنگېلى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.