تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۇەنۋۇ بايرىمى مەدەنىيىتى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرايلى

□ شۈ چىڭگۇاڭ

زۇڭزا يوپۇرمىقىنىڭ خۇش ھىدى تارالغان پەسىل، زەرنىخ ھارىقى كەيپىگە چۆمۈلگەن پەيت. كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە زۇڭزا تۈگدى، مەھەللە پائالىيەت مەركىزىدىكى ياشانغانلار ئەپچىللىك بىلەن ئەجدىھا قولۋاقلىرىنى ئىنتايىن ئوخشىتىپ ياساپ چىقتى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە چۈ يۈەننىڭ ھېكايىسىنى قايتا ئەسلىدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

چۈ يۈەننىڭ شېئىرلىرىغا قويۇق ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى سىڭگەن، مەززىلىك زۇڭزىغا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇجەسسەملەنگەن، ئۆتىشىپ تۇرغان ئەجدىھا قولۋاقلىرىدا بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى، نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان دۇەنۋۇ بايرىمىغا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزگىچە دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، باھار بايرىمى، چىڭمىڭ، جۇڭچيۇ قاتارلىق بايراملار بىلەن بىللە ۋاقىت ئوقىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلدى. ئەنئەنىۋى بايراملارغا يوشۇرۇنغان مەدەنىيەت گېنىنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سەلتەنەتلىك سالاپىتىنى نامايان قىلدى، بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

ئەنئەنىۋى بايراملارنى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەم «مەدەنىيەت پۇرىقى»غا تويۇندۇرۇش، ھەم «دەۋر تۇيغۇسى»نى گەۋدىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ئامما بۇلۇت تېرمىنالىدا گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، توردا لېكسىيە ئاڭلاش، نەق مەيداندا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىق ئىلگىرىكى يىللاردىكى دۇەنۋۇ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە ئوخشىمايدىغان «ئېچىش شەكلى» بىلەن بايرامنى تېخىمۇ مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ باغلىنىش نۇقتىسىنى تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەنئەنىۋى بايرام ئىچكى خاس مەزمۇنى مۇجەسسەملەنگەن ئىپادىلەش شەكىللىرىنى ياراتقاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىسىگە تېز كىرگۈزۈپ»، ئۈن - تىنسىز ھالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ رېئال ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقاندىلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان ھېسسىيات رىشتىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىغىلى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەلب ۋە كۈچنى ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.