تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلقنى مەركەز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈش

□ خەلق گېزىتى مۇخبىرى يى شۇرەن، لى شيا، شۈ جىڭ، ۋاڭ شىنيۆ

كىشىلىك ھوقۇق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىدە، ئاچقۇچلۇقى شۇ دۆلەت خەلقلىرى مەنپەئىتىنىڭ قوغدالغان - قوغدالمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچەيگەن - كۈچەيمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك، بۇ، بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى سىنايدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم».

ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق. ياشاش بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى سىجىل تۈزۈپ ھەم يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ھاياتلىق ۋە ساغلاملىقنى قوغداشتا، بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ

«ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەڭ زور ئىمكانىيەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش كېرەك».

«ئادەمنىڭ ھاياتى ئەڭ قىممەتلىك، ھايات پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولساق قايتا كەلمەيدۇ».

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن توسۇش كېرەك».

...

تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بىر مەيدان كۆلىمى مىسلىسىز، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى ئىشقا سېلىنغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش شۇنىڭغا ئەگىشىپ قانات يايدۇرۇلدى.

تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 30 نەچچە سائەت بولغان بۇۋاقتىن 100 نەچچە ياشلىق ياشانغان كىشىگىچە، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك خادىملارغىچە، ھەربىر ھاياتلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى. خۇددى جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەن ئېيتقاندەك: «ئادەم بىلەن ۋىرۇس ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە، ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق دەل ئادەمنىڭ ھاياتى، ساغلام ھاياتلىقتۇر».

ۋىرۇس ئۆزگەردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولدى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت قىممەت ئىنتىلىشى ئەزەلدىن تەۋرىنىپ قالمىدى. مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنى توسۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى.

ساغلاملىق ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي شەرتى. بۈگۈنكى جۇڭگودا، خەلق ئاممىسى ساغلاملىق ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى ھەممە ئائىلىلەرگە كىردى.

«ئىلگىرى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرەتتۇق، دوختۇرخانىغا بارغاندا يەنە ئۆچرەتتە تۇراتتۇق. ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىكى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىلا ياخشى بولغان داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايمىز.» بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن لى سۈيفېڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچېڭ شەھىرى شۈەنجوۋ رايونى شياڭياڭ كوچا باشقارمىسى بەنچياۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى ماختاپ: ئۇ يەردىكى دوختۇرلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى بار، ئاغرىقلارنىمۇ چۈشىنىدۇ، دېدى.

2021 - يىلى 10 - ئايدا، شۈەنجوۋ رايونى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇرى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئۇنى پۈتۈن رايوندىكى 19 يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، توققۇز كوچا - مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، 178 كەنت داۋالاش ئۆيى، 22 مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق جەمئىي 228 ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتىدا قوللاندى. دوختۇر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى دىياگنوز قويۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەم ئاغرىقنىڭ ئىلگىرىكى كېسەللىك ئەھۋالى، دورا ئىشلىتىش رېتسېپىنى كۆرەلەيدۇ، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن توردا بىرلىشىپ دىياگنوز قويالايدۇ. «بىزنىڭ داۋالاش ئۆيىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرۈش مىقدارى ئەسلىدىكى ھەر ئايدا 600 ئادەم قېتىمغا يېقىن بولۇشتىن كۆپىيىپ، ھەر ئايدا 900 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. داۋالاش ئۆيىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆسسە، كەنت ئاھالىلىرى ئاز قاتراپ، ئىشىكى ئالدىدىلا كېسەل كۆرسىتەلەيدۇ» دېدى شۈەنجوۋ رايونى لىچياۋ بازىرى سىشى كەنتىدىكى داۋالاش ئۆيىنىڭ كەنت دوختۇرى تاۋ شېڭفۇ.

ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە سىجىل كاپالەتلىك قىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك 23 مىڭ داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى، 35 مىڭ يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، 599 مىڭ كەنت داۋالاش ئۆيى قۇرۇلۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامرات ئاغرىقلارغا قارىتا دەل جايىدا تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش يولغا قويۇلغان، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان ئادەم سانى جەمئىي 20 مىليوندىن ئاشقان.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بىرىمۇ چۈشۈپ قالمايدۇ

نامراتلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ زور توسالغۇ. جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى.

باش يازدىكى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرى يىلىڭ رايونى جاڭسۈنپىڭ بازىرى خۇاڭماخې كەنتىدە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. كەنت ئاھالىسى رېن گۇەنمېينىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى: «كەنتىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرى گۈزەل، تېرىغان يىپ لازىلىرىمىز قىپقىزىل بولۇپ كەتتى!» رېن گۇەنمېينىڭ كەينىدىكىسى كەڭ كەتكەن يىپ لازا ئېتىزلىقى ئىدى. ئېتىز قىرىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىدە قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان بىر سېمونت يول تاغ سىرتىغا سوزۇلغان بولۇپ، يېڭى يىپ لازىلار بۇ يول ئارقىلىق خۇنەن، سىچۇەنلەرگە توشۇلۇپ، ئاشپەزلەر ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىدىغان يېمەكلىك ماتېرىيالىغا ئايلانغانىدى.

ۋاقىتنى 2014 - يىلىغا قايتۇرساق، خۇاڭماخې كەنتى يەنىلا جاڭسۈنپىڭ بازىرىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك بىردىنبىر نامرات كەنت ئىدى، پۈتۈن كەنتتىكى 525 ئائىلە ئىچىدە 100 ئائىلە نامرات ئائىلە ئىدى. 2015 - يىلىدىن باشلاپ، خۇاڭماخې كەنتى ئىككى كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى جەلپ قىلدى، يەنە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يېڭىچە كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش سىناق نۇقتا كەنتى بولۇشتەك پۇرسەتنى تۇتۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىپ، تاغدا كۆكتات بازىسى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 3000 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇردى. «كەنتىمىزدە جەمئىي 350 مو يەردە يىپ لازا تېرىدۇق، 400 مو يەردە شاپتۇل، 100 نەچچە مو يەردە يۇمىلاق سېرىق ئامۇت ئۆستۈردۇق، يەنە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقى ۋە يەرلىك توخۇ باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، ھەربىر تۈر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۇڭگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭغا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كۆكتات پارنىكىنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، بۇلتۇر كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن خۇاڭماخې كەنتىدە، تۈزلەڭلىكتە كۆكتات تېرىلدى، يانتۇ يەردە مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈلدى، ئورمان ئارىسىدا توخۇ بېقىلدى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدا يول، كەينىدە گۈللۈك بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرى تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، ئۇلار مەيدان ئۇسسۇلى ئويناپ، تۇرمۇشىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزمەكتە.

سەككىز يىل ئۇدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىندى. نامرات ئامما يېمەك - ئىچمەكتىن، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، بۇ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يېزىپلا قالماي، يەنە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش يېڭى مۆجىزىسىنى ياراتتى.

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنىڭ قىممەتلىك يېرى ئومۇميۈزلۈك بولۇشتا. ھازىر، دۆلىتىمىزدە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كۆلىمى 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يەتتى؛ ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان نوپۇس 240 مىليونغا يەتتى، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى 2012 - يىلىدىكى %30تىن 2021 - يىلىدىكى %57.8كە ئۆستى؛ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش كارىۋىتىنىڭ سانى 8 مىليون 135 مىڭغا يەتتى... جۇڭگو خەلقى كىشىلىك ھوقۇقتىن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تولۇق بەھرىمەن بولماقتا.

جۇڭگونىڭ نوپۇسى دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىگە يېقىننى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە. جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ياراتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇستەھكەملەشتە بىرمۇ ئادەم سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ

«دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەككە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، تورنى زىچ توقۇش، مېخانىزم ئورنىتىش تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئاشۇرۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەرقانداق بىر ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقتىن ئىبارەت.

«ئائىلىمىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى بىزنى قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» چۇڭچىڭ شەھىرى جياڭجىن رايونى شىمېن بازىرى جىنلۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لو شۇفېن ئائىلىسىنىڭ ھويلىسى پاكىز، رەتلىك يىغىشتۇرۇلغانىدى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان بولۇپ، تاماق ئۈستىلى ئىنتايىن مول ئىدى. لو شۇفېن مۇنداق دېدى: «ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

نەچچە يىل بۇرۇن، لو شۇفېننىڭ ئېرى كۈتۈلمىگەن ۋەقەدە مېيىپ بولۇپ قالدى، لو شۇفېن ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆيىگە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلدى ھەمدە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. شىمېن بازىرىدىكى كەنت دەرىجىلىك ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى نۇقتىلىق ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قەرەللىك زىيارەت قىلىپ تۇردى. 2021 - يىلى، جياڭجىن رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، لو شۇفېن ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان ھەر ئايدا 1845 يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى ئالالايدىغان بولدى.

2021 - يىلى 8 - ئايدىكى قاتتىق يامغۇردا ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي خەتەرلىك ئۆيگە ئايلىنىپ قالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى غەمگە پاتقان پەيتتە، ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش خىزمەت ئەترىتى كېلىپ ئۇلارنىڭ غېمىنى تۈگەتتى: ئۇلار ئالدى بىلەن لو شۇفېن ئائىلىسىدىكىلەرنى بىخەتەر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى، ئاندىن ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ كونا ئۆينى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، 70 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي پۇختا، مۇستەھكەم، ئازادە، يورۇق بولۇپ، ئۆي ئىچىدە ئايرىم ئاشخانا ۋە ھاجەتخانا بار بولدى، توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور، كىيىم ئىشكاپى قاتارلىقلارمۇ تەل بولدى. كۆكتاتلىقىغا تېرىغان كۆكتاتلار، ھويلىسىدا بېقىۋاتقان توخۇ، ئۆردەكلەر، ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا تىزىپ قويغان ھەسەل تۇڭلىرىغا قاراپ، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ چېھرىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، رولى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئادىللىقتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى تەدرىجىي تاكامۇللاشتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كاپالىتى سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە ئۆستى، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

ھازىر، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 11 مىليون 577 مىڭ كىشى ۋە 14 مىليون 717 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى؛ مەملىكەت بويىچە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش ئوتتۇرىچە كاپالەت ئۆلچىمى ھەربىر بالىنىڭ ھەر ئايدا 1697.4 يۈەنگە يەتتى؛ جەمئىيەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان يېتىم بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كاپالەت ئۆلچىمى ھەربىر بالىنىڭ ھەر ئايدا 1257.2 يۈەنگە يەتتى... خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورى بارغانسېرى زىچ توقۇلدى، تۈرلۈك ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇقنى ھېس قىلدى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جاۋاب قەغىزى تېخىمۇ قالتىس نامايان بولدى.

جۇڭگو مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىپ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، پۇقرالىق ھوقۇق - مەنپەئىتى، سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئەڭ ياخشىسى بولمايدۇ، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جەزمەن يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.