تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] قېپقېلىشنىڭ ئۆزى بەختلىك تاللاش

ياڭ شىڭ:

قېپقېلىشنىڭ ئۆزى بەختلىك تاللاش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«جاپالىق ئەمەس، زېرىكىشلىكمۇ ئەمەس» «قاراماينىڭ ھەممە يېرى ناھايىتى ياخشى»، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى لۇلياڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ياڭ شىڭنىڭ ئۈمىدۋار، ئوچۇق ـ يورۇق پوزىتسىيەسى مۇخبىرنى تەسىرلەندۈردى.

ياڭ شىڭ مياۋزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، گۇيجوۋدىن كەلگەن، 2016 ـ يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى بايلىق چارلاش ـ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 2020 ـ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئۇ قارامايدا قېلىشنى خۇشاللىق بىلەن تاللىدى.

داشۆنىڭ 1 ـ يىللىقىدا مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ئاتا ـ ئانىسى ياڭ شىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە كەلگەن، ئۇلار مۇشۇنداق يىراق جاينىڭ مۇھىتىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغانىدى. «شەھەر ئىنتايىن پاكىز، كىشىلەر دوستانە، قىزغىن، مەكتەپ شارائىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.» شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاتا ـ ئانىسى خاتىرجەم بولدى، ئۇمۇ بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدى.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۇ يەردە قېلىش ياڭ شىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا بەختلىك تاللاش بولدى. «ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم، خىزمەتداشلىرىم ۋە دوستلىرىم، يەنە بولغۇسى خوتۇنۇم بار، بۇ يەر مېنىڭ ئائىلەم» دېدى ئۇ.

ياڭ شىڭنىڭ بولغۇسى خوتۇنى لى تىڭ بۇلتۇر گۇيجوۋدىن قارامايغا كېلىپ خىزمەت قىلدى، ئىككىسى ھازىر توي ۋاقتىنى مەسلىھەتلىشىپ، توي مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ ئاشىق ـ مەشۇق ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتتى.

ياڭ شىڭ خىزمەت قىلىدىغان جاينىڭ قاراماي شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ سائەتلىك يول بولۇپ، دۈشەنبە بېرىپ، جۈمە قايتىپ كېلىدۇ، ھەپتىدە پەقەت ئىككى كۈنلا شەھەر رايونىدا تۇرالايدۇ.

خىزمەت ئورنىنىڭ بۇنداق يىراق بولىدىغانلىقىنى دەسلەپتە ياڭ شىڭمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى، ئەزەلدىن قۇملۇقنى كۆرۈپ باقمىغان ياڭ شىڭ كۆڭلىدە ئازراق دېلىغۇل بولدى. «بارغاندىن كېيىن بىلدىم، خىزمەت جىددىي، ۋاقىت ئۇچقاندەك تېز ئۆتىدۇ، ھەربىر كۈنىمىز ناھايىتىمۇ مەنىلىك، جاپالىقمۇ ـ جاپالىق ئەمەسمۇ دېگەنلەرنى ئويلايدىغانغا نەدىمۇ چولىمىز بولسۇن» دېدى ياڭ شىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ياڭ شىڭ گېئولوگىيە خادىمىلىق ئىش ئورنىدا ئىشلەيتتى، نېفىت، سۇ قۇدۇقلىرىنى ئېچىش باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەر ھەپتىدە نەق مەيدانغا بېرىپ سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتەتتى. قۇدۇق ئېغىزى كىلاپانىنى تونۇش، قۇدۇق مەيدانىغا بېرىپ قۇدۇقنى ئېچىش ـ ئېتىشتىن نېفىت ئېلىش تېخنولوگىيە تەرتىپىنى تەدرىجىي پىششىق بىلىشكىچە، ئاندىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى ئۆگىنىش، نانومېتىرنى ئالماشتۇرۇشقىچە، نېفىت، سۇ قۇدۇقلىرىنى رېمونت قىلىشنى ئىگىلەپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشقىچە، ئۇ ھەربىر كۈن، ھەربىر قەدەم ـ باسقۇچقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى.

كۆپ قىسىم ۋاقىتتا، ياڭ شىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ، بۇ چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ نورمال ئايلىنىۋاتقان ـ ئايلانمايۋاتقانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن باشقا، يەنە يوشۇرۇن كۈچىنى ئانالىز قىلدى. «تىرىشىش ئارقىلىق نېفىت، سۇ قۇدۇقلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، مەھسۇلات مىقدارىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى بىخەتەرلىك، ئۆز مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى ياڭ شىڭ.

قىشتا دالا ئىنتايىن سوغۇق بولىدۇ. تۇرۇبا لىنىيەسى توپا ئاستىغا كۆمۈلگەن بولۇپ، ئەگەر بېسىمنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى بايقالسا، ياڭ شىڭ ۋە باشقىلار تۇرۇبا لىنىيەسىنى بويلاپ يېرىلغان جايلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئالماشتۇرۇلىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسىنى كولاپ چىقىدۇ، بەزىدە ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە كېچە ـ كۈندۈز ئىشلەيدۇ. «ھەقىقەتەن بەك سوغۇق، پۇت ـ قوللىرىم سېزىمنى يوقاتسىمۇ، لېكىن رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن بەك خۇش بولۇپ كېتىمەن!» ياڭ شىڭنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈمىدۋارلىق چىقىپ تۇراتتى.

ئۇزاق مۇددەت قۇملۇق، چۆل ـ جەزىرىدە ناچار مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ياڭ شىڭ زېرىكىشلىك ھېس قىلمىدى. «مەشغۇلات رايونىدا تەنتەربىيە سارىيى بار، ئىشتىن بالدۇرراق چۈشكەندە چېنىققىلى بولىدۇ، چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن لايىقىم بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىمەن» دېدى ياڭ شىڭ. ھەپتە ئاخىرىدا كۆرۈشكەندە، ئۇلار بىرلىكتە كەلگۈسىدىكى كىچىك ئائىلىسىنى سەرەمجانلاشتۇردى، سافا سېتىۋېلىپ، دېرىزە پەردىسى تاللاپ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى بېقىپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن چەكسىز ئۈمىدكە تولدى.

«بۇ يەردە قالغانلىقىمدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن. ئۆگەنگەن كەسپىم ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئازغىنا بولسىمۇ تۆھپە قوشقانلىقىم ئۆز قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىم.» ياڭ شىڭ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن قورقماي، دەۋر بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش» دېگەن چاقىرىقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ» دەيدىغان قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، پۇختا ئىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ياش نېفىتچىلارنىڭ ئېسىل قىياپىتى بىلەن، لۇلياڭ نېفىتلىكىگە ياشلىق باھارىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.