تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] جۇشقۇن ياشلىق باھارىمنى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا بېغىشلايمەن

لى شۇەي:

جۇشقۇن ياشلىق باھارىمنى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا بېغىشلايمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«بۇ يىللىق چوڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش شىركىتىمىزنىڭ تۇنجى <تۆت يىلدا بىر رېمونت قىلىش>نى ئىشقا ئاشۇرۇشى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بىز بىر ئايدىن كۆپرەك ئىش توختىتىپ، بارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزۈل ـ كېسىل رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ھەربىر ئۇششاق ھالقىنىمۇ ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ھەرقايسى ئۈسكۈنىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۆت يىل بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نېفىت ئايرىش 2 ـ بىرلەشمە سېخىنىڭ خىزمەتچىسى لى شۇەي. بۇ قېتىمقى چوڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشتا لى شۇەي بۇ سېخنىڭ كۆيدۈرۈپ كوكسلاشتۇرۇلغان بېنزىنغا ھىدروگېن قوشۇش قۇرۇلمىسىدىكى كاتالىزاتورنى قاچىلاش ـ چىقىرىش ۋە قۇرۇلمىنىڭ ئادەتتىكى ئوت ئالدۇرۇش مەشغۇلاتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى.

لى شۇەي شەندۇڭلۇق بولۇپ، 2020 ـ يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ جەريان جابدۇقلىرى ۋە كونترول قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن. جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى باش شۇجىغا خەت يازغان مەكتەپ پۈتكۈزگەن 118 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى شۇەي باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەتكە قاتنىشىپ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، لى شۇەي ئىشنى ئەڭ ئاساسىي قۇرۇلمىنى سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، بەن ـ گۇرۇپپىدىكى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

2020 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، لى شۇەي جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلىپ، نېفىت ئايرىش 2 ـ بىرلەشمە سېخىنىڭ مەشغۇلات ئىشچىسى بولدى.

«مەن شىركىتىمىزنىڭ روشەن خاسلىققا ئىگە نېفىت ئايرىش كارخانىسى ئىكەنلىكىنى، ئىشلەپچىقارغان نۇرغۇن خاس مەھسۇلاتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەدرىجىي چۈشەندىم. مەن بۇ شىركەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى لى شۇەي.

2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر ئاخشىمى، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەنىدى، لى شۇەي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ياڭ لېي چارلاپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىر تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ توڭلاپ قالغانلىقىنى بايقىدى. توڭلاپ قالغان تۇرۇبا لىنىيەسىنى جەزمەن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئىدى، بولمىغاندا، قۇرۇلمىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يېتەتتى.

لى شۇەي بىلەن ياڭ لېي 30 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى چەككىلەش مۇنارىغا يامىشىپ چىقىپ، مۇنار ئۈستىدىكى ۋېكليۇچاتېلنىڭ كىلاپانىدىن باشلاپ، يۇقىرىدىن ـ تۆۋەنگە قاراپ پار بېرىپ تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئاز ـ ئازدىن راۋانلاشتۇردى. لېكىن تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولغاچقا، پار سۇغا ئايلىنىپ، يەنە ناھايىتى تېزلا تۇرۇبا لىنىيەسىدە مۇز بولۇپ قاتتى. لى شۇەينىڭ كۆزەينىكىمۇ ھوردىنىپ، ئېنىق كۆرەلمەي، توختىماي كۆزەينىكىنى سۈرتتى. ئۇزاق ۋاقىت بىر خىل قىياپەتتە تۇرغاچقا، لى شۇەينىڭ بەدىنىمۇ توڭلاپ قېتىشقا باشلىغانىدى، قەھرىتان سوغۇقتا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، توڭلاپ قالغان تۇرۇبا لىنىيەسى ئاخىر راۋانلاشتۇرۇلدى.

«گەرچە ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بىز يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتۇق، قۇرۇلمىنىڭ يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم بولدى، كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولدى» دېدى لى شۇەي.

لى شۇەينىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا قېلىشنى قارار قىلغانلىق پىلانى ئۈستىدە ئەستايىدىل پاراڭلاشقانىدى ھەم ئۇنىڭغا قارار چىقارغان ئىكەن، قەتئىي چىڭ تۇرۇش، ئۆز ئىش ئورنىدا نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىشنى تاپىلىغانىدى.

قۇرۇلمىلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، پومپىنى ئېچىش ـ ئېتىش، سىلىقلاش مېيىنى ئالماشتۇرۇش... ھازىر، لى شۇەي بۇ خىزمەتلەرگە ناھايىتى پىشىپ كەتتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، لى شۇەي يەنىلا ئەينى چاغدا شىركەتكە كىرگەندىكىگە ئوخشاش كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتكە ئەستايىدىل، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ كەلدى.

«گەرچە بۇ خىزمەت سەل زېرىكىشلىكتەك بىلىنسىمۇ، لېكىن مەن پۇختا قەدەم تاشلاپ، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن قورقماي، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جۇشقۇن ياشلىق باھارىمنى بېغىشلايمەن» دېدى لى شۇەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.