تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    «چەكسىز يىراق جايلارغا بېرىپ، سانسىزلىغان كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىمىز،

    تاغ، دەريا، كۆللەر بىلەن كۆرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىمىز بىلەن كۆرۈشىمىز.»

    كىشىلەر ھەمىشە مۇنداق دېيىشىدۇ  

     شىمالىي شىنجاڭغا بارساق مەنزىرە كۆرىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارساق ئۆرپ-ئادەت

   بەلكىم جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغاندىلا بايقىشىڭىز مۇمكىن _

    تىيانشاننىڭ جەنۇبىنىڭ شۇقەدەر گۈزەللىكنى

    كىشنى مەپتۇن قىلىپ دىل رىشتىنى تىترىتىدىغىنىنى

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆللەرنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ بەيشاخۇ كۆلى

  ئەگەر سىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەيشاخۇ كۆلىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، ئۇ بەلكىم سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئېگىز بولغان پامىر ئېگىزلىكىدە، ئاق رەڭلىك قۇمتاغلار ئارىسىدىكى كۆپكۆك كۆل تاغ ـ دەريالاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.

     قاراكۆل

  ئۇ مۇزتاغ چوققىسىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپتىكى قارلىق تاغلارنى خۇددى ئەينەككە ئوخشاش بۇ كۆل يۈزىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ. جەنۇب تەرىپى ئوتلاق بولۇپ، دائىم ئاق كىگىز ئۆيلەر تەكشى تارقالغان بولىدۇ، كۆل ۋە ھەيۋەتلىك تاغ باغرىدىكى گۈزەللىكنى خالىغانچە سۈرەتكە تارتسىڭىز ھەممىسى ئەڭ قالتىس مەنزىرە سۈرىتى بولالايدۇ.

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قارلىق تاغلارنى كۆرگۈم كەلدى

  تاشيول بىلەن قارلىق تاغنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان گۈزەللىكنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارسىڭىز ئاندىن بىلىسىز.

 مۇزتاغ چوققىسى، قوڭۇر چوققىسى، قوڭۇر جيۇبېي چوققىسى كوئېنلۇن تېغىدىكى ئۈچ قەھرىمان، دەپ تەرىپلىنىدۇ. قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ئۈچ تاغ خۇددى ئاسماننى تىرەپ تۇرغان قاشتېشى تۈۋرۈكتەك، گۈزەل پامىر ئېگىزلىكىدە قەد كۆتۈرۈپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ بەلگىسى ۋە ۋەكىلىگە ئايلانغان.

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جىلغىلارنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ ئونسۇ چوڭ جىلغىسى

  بۇ جايغا كەلگىنىڭىزدە خۇددى بىر پارچە نەپىس، ھەيۋەتلىك ئاسمان-زېمىن رەسىم كارىدورىغا كىرىپ قالغاندەك بولىسىز. دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېين، قىزىل تاغ تاشلىرى ئارىسىدىكى ئۇپۇققا تۇتاشقان ئەگرى ـ توقاي، چوڭقۇر جىلغىلار تەبىئەتنىڭ سىرلىقلىقىنى ئىختىيارسىز ھالدا گۈزەل تىللار بىلەن تەرىپلەشكە «مەجبۇر قىلىدۇ».

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقلارنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ تەكلىماكان قۇملۇقى

  تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلەي دېگەندە، يول بويىدىكى كاتەكچىسىمان قومۇشلۇق ئۈستىدە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر جۈملە ئېلان لوزۇنكىسىنى كۆرىسىز: پەقەت قاقاس قۇملۇقلا بار، مەنىسىز ھايات يوق. كۆزىڭىزنى يۇمۇپ قۇملۇقتا ياتقىنىڭىزدا، ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ سىرغىپ چۈشكەنلىكىنى، ئاينىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگىنىڭىزدە، يۈرەك سوقۇشىڭىزغا جور بولغان شامال ئاۋازى قۇلاق تۈۋىڭىزدە ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

  ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، بۇ قۇملۇقتا بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر، ھەربىر تۈپ نەچچە مىڭ يىللىق توغراق بىلەن ئۇچرىشىسىز، ئۇلارنىڭ زادى قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن قەلبلەردە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتى مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ.

    تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىڭئۆيلەرنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ قىزىل مىڭئۆي

  باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆي جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەڭ غەربتىكى چوڭ تىپتىكى مىڭئۆي توپى ھېسابلىنىدۇ.

      تۇيۇقسىز، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇم كەلدى

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەدىمىي شەھەرنى كۆرگۈم كەلدى

    ◁ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى

 ئۇ قارلىق تاغلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن تۇتىشىدۇ، ئەڭ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تىپتىنچ ئالتۇن سازلىق، قاقاس تاش قورغان، يەنە قونجىراپ پورتى.

 ئالتۇن سازلىق سۇلۇق يەر بولۇپ، پامىردىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە گۈزەل مەنزىرە.

 تاشقورغان ئىلگىرى بىر خان سېپىلى بولۇپ، سېپىل سىرتىدا كۆپ قەۋەتلىك گاھ ئۈزۈلگەن گاھ تۇتاشتۇرۇلغان سېپىل ياسالغان، تاشلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۆزىدە چۈشكۈنلۈك ئىچىگە يوشۇرۇنغان گۈزەللىكى بار بولۇپ، كىشىنى چەكسىز خىياللارغا چۆمدۈرىدۇ.

 قونجىراپ پورتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى پاكىستان بولۇپ، بۇ جاي يىل بويى قار ـ مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرسىمۇ مەنزىرىسى تولىمۇ ھەيۋەت ۋە گۈزەل.

     قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

 بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار شۇنچە كۆپ شەھەرگە بارغان بولسىمۇ، قەشقەردىن ئۆزگىچە بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھۇزۇرىنى ھېس قىلغان، بۇ جاي ھەم قەدىمىي، ھەم جانلىق، ھەم شۇ قەدەر گۈزەل، جەلپكار ھەم ئۇنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سالاپىتى بار.

  

     جەنۇبىي شىنجاڭ شۇنداق بىر جاي

    بېرىشتىن بۇرۇن سىزدە ئۇ جايغا نىسبەتەن قىزىقىش، تەسەۋۋۇر ئويغىنىدۇ

    بارغاندىن كېيىن

    قەلبىڭىزدە تېخىمۇ كۆپ زوقلىنىش ۋە سېغىنىش بولىدۇ

    سىز ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى ياد ئېتىسىز

    چىداپ تۇرالماي، يېنىش-يېنىشلاپ بارىسىز

    سىزنىڭمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغۇڭىز

  كەڭ زېمىن، تاغ-دەريا، ئادىمىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەرنى كۆرۈپ

    ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىكتە ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئاياغ ئىزىڭىزنى قالدۇرغۇڭىز كەلدىمۇ

«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.