تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز

  شىنجاڭ گېزىتى □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

  ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

  بايىنغولىن ئوبلاستى:

  ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش

  5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرىنىڭ تەربىيەلەشتىكى چوقۇم ئۆگىنىش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ساھەلەرگە ئايرىپ، سىستېمىغا ئايرىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشقان، تۈرگە ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  قەشقەر ۋىلايىتى:

  چىن قەلب بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش

  5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسىنى ھەقىقىي كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار يۈكسەكلىكىنى ئاشۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، چىن قەلب بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ قەشقەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  تارباغاتاي ۋىلايىتى:

  نىشاننى بېكىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش

  5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەردە نامايان قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تۈر قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت كاپالىتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  قاراماي شەھىرى:

  ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

  5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ كېڭەيتىلگەن ئۆگىنىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ قاراماي شەھىرىدە جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، ساھەلەرگە ئايرىپ، مەخسۇس تېمىغا ئايرىپ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، پەرقلەرنى توغرا تېپىپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قانۇنچىللىقنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىل قاراماي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ قاراماي شەھىرىنىڭ «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىنى قوللىشىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر ئاساس، كۆپ مەنبەلىك» تەرەققىيات تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە ئاساسىي كەسپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، رەقەملىك تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق «يول ئالماشتۇرۇپ يانداپ ئۆتۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاراماي شەھىرىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا باشلامچىلىق بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  قومۇل شەھىرى:

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاش

  5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتنى پىلانلاشتىكى توغرا پىكىر يولىغا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تەدبىرگە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل قومۇل، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تۈر قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت كاپالىتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  (مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، دۇ جيەنخۇي، ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ چۇنلىن، خۇ شيۇپىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.