تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچقان.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى دې چۈەنيىڭ، شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پىروفېسسور لى جۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) سىياسىيشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور رېھىمجان ساۋۇت، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، پىروفېسسور چېن تۇڭ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنى (قانۇن شۆيۈەنى) قانۇن شىسىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت ليۇ جىڭ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن چى قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قىزغىن سۆز قىلدى.

مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق تونۇپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئىزاھلاپ، چۈشەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ پەن سىستېمىسىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ سۆز سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.