تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى، مىللەت ـ دىن ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى، مىللەت ـ دىن ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يېڭى ۋەزىپىگە توغرا كەلگەن مۇھىم تۈگۈندە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىرلىك سەپ سىستېمىسى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ شىنجاڭ بىرلىك سېپىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي ئىلىم ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، سىياسەت جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ماھارەتكە ئېتىبار بېرىش، ئىستىلنى كۈچەيتىش جەھەتتە دىققەتنى كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنى تاۋلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.