تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] ​ئەڭ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىمنى غەربىي قىسىمدىكى مۇنبەت تۇپراقتا جۇلالاندۇرىمەن

چېن دى:​

ئەڭ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىمنى غەربىي قىسىمدىكى مۇنبەت تۇپراقتا جۇلالاندۇرىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېنجىڭ

«لاياقەتلىك سىرتقى قىسىم مەشغۇلاتچىسى بولۇش ئۈچۈن، جەزمەن <ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تەڭ مۇكەممەل بولۇش> كېرەك، شۇڭا بۇ يىل مەن ئىچكى قىسىم كونترول ئۆيىگە كىرىپ ماشىنىلارنىڭ پارامېتىرى، ماشىنىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگەندىم» دېدى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى» دېيىلىدۇ) پولى ئولېفىن 2 - بىرلەشمە سېخىنىڭ خىزمەتچىسى چېن دى پەخىرلەنگەن ھالدا.

25 ياشلىق چېن دى نىڭشيادىن كەلگەن بولۇپ، 2020 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھۈنەر - سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈزگەن. مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان چاغدا، چېن دىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن 118 ئوقۇغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

«باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاشۇ دەقىقە ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، ھاياجېنىمنى باسالماي سەكرەپ كەتكىلى تاس قالدىم، جاۋاب خەتنى قايتا - قايتا نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم.» چېن دى مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىزچىل ئەستە چىڭ ساقلاپ، چۆللۈكتە ياشلىق تەرىمنى سىڭدۈرۈپ، قىممەتلىك بايلىققا ئېرىشتىم.

داشۆدە ئوقۇۋاتقاندا، ھەر يىلى پىراكتىكا قىلغان مەزگىلدە چېن دى ۋاقتىنى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىدە ئۆتكۈزۈپ، قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي ئۇستازىغا ئەگىشىپ ئەگرى - بۈگرى تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلمىلىرى ئارىسىدا قاتراپ يۈردى. «ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەت ئىنتايىن جاپالىق، لېكىن مەن قورقمايمەن. دەسلەپتە كەسىپ تاللىغاندىلا مەن جاپاغا چىداش تەييارلىقىنى ياخشى قىلدىم، زاۋۇت رايونىغا بالدۇرراق كىرىپ ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپىنى پىششىق ئىگىلەش مېنى تېخىمۇ تېز يېتىشىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى چېن دى.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چېن دى مايتاغ نېفىت - خىمىيە سانائىتى شىركىتى پولى ئولېفىن 2 - بىرلەشمە سېخىنىڭ سىرتقى قىسىم مەشغۇلاتچىسى بولۇپ، ھەرقايسى ھۈنەر - سەنئەت قۇرۇلمىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولدى. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى ۋەزىپىسى 200 نەچچە بەتلىك ياساش ھۈنەر - سەنئىتى ئىش تەرتىپى دىياگراممىسىنى يادلاش ھەم چېرتيوژغا ئاساسەن ھەربىر قۇرۇلما ۋە تۇرۇشلۇق ئورنىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ئۇستازى ياڭ فۇچياڭغا ئەگىشىپ قۇرۇلمىنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بولدى.

ئۇ بۇنى يېرىم يىلدىن ئارتۇق يادلىدى. كۈندۈزى، چېن دى چېرتيوژنى ئېلىپ ئۇستازىدىن توم - ئىنچىكىلىكى ئوخشاش بولمىغان، رەڭگى ھەر خىل، ئەگرى - بۈگرى كەتكەن تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگەندى؛ كەچلىرى ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىگە «ئالاھىدە ۋەزىپە» يۈكلىدى، ھەتتا تاماق يەۋاتقاندىمۇ دىياگرامما يادلىدى. بىر قېتىم، چېن دى ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا ئۇستازىدىن ئېلېكتىرونلۇق چېرتيوژنى سوراپ ئېلىپ، كېسىلىنى داۋالاتقاچ چېرتيوژنى يادلىدى.

كاتالىزاتورنى تارقاقلاشتۇرۇش باكى، ئوت ئۆچۈرۈش تۇرۇبا لىنىيەسى، پىروپىلېنلىق كاربيۇراتور... قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، چېن دى ئىش تەرتىپى دىياگراممىسىغا ئاساسەن ھەرقايسى قۇرۇلمىلارنىڭ نامى ۋە ئورنىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولدى.

قۇرۇلمىنى تونۇشلا يېتەرلىك ئەمەس، يەنە چارلاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئىگىلەش كېرەك. كاتالىزاتورنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سىرتقى مەشغۇلات تېخنىكىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، 2021 - يىلى باھار بايرىمىدا چېن دى شىركەتتە قېلىپ بايرام ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى.

«شۇ كۈنى، زاۋۇت رايونى سىرتىدىكى پوجاڭزا ئاۋازى ۋە زاۋۇت رايونى ئىچىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئۆزئارا بىرىكىپ ماڭا <سىمفونىيە> گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.» چېن دى مۇنداق دېدى: ئاتا - ئانام مېنىڭ خىزمىتىمنى ئىنتايىن قوللايدۇ، مېنى ياخشى ئىشلەپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ.

«ئەڭ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىمنى غەربىي قىسىمدىكى مۇنبەت تۇپراقتا جۇلالاندۇرىمەن.» ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، چېن دى ئاتا - ئانىسىغا ئەۋەتكەن ئاتكرىتكىغا يازغان بۇ سۆز ئۇنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.