تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يايلاق + گۈل ئېتىزى + كۆل بۇ يەرگە كېلىپ يازنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ!

5-ئاينىڭ 23-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قۇلىستاي يايلىقى سۇلۇق يېرىدە پەسىل قۇشلىرى ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى باش يازدا، قۇلىستاي يايلىقى سۇلۇق يېرى ماكانلاشقىلى كەلگەن زور تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى، كۆل سۈيى، قومۇشلۇق، تۈرلۈك سۇ قۇشلىرى ئىناقلىققا تولغان تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.

5-ئاينىڭ 23-كۈنى، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدىكى قۇلىستاي يايلىقى سۇلۇق يېرىدە، كالا، ئات، قويلار توپ-توپ بولۇپ يايلىماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇلىستاي يايلىقى سۇلۇق يېرىدە سەيلە قىلماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 23-كۈنى، پەسىل قۇشلىرى قۇلىستاي يايلىقى سۇلۇق يېرىدە ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك بازىرىنىڭ ئورتاجىيەك شىمالىي كەنتىدىكى چوغلۇق گۈلى ئېتىزىدا گۈل سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. يېقىندا، بۇ كەنت تېرىغان 200 مودىن ئارتۇق چوغلۇق گۈلى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى گۈل سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئورتاجىيەك شىمالىي كەنتىدىكى 200 مودىن ئارتۇق چوغلۇق گۈلى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى، بىر توپ بالىلار گۈل دېڭىزىدا يۈگۈرۈشۈپ ئوينىماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئورتاجىيەك شىمالىي كەنتىدىكى 200 مودىن ئارتۇق چوغلۇق گۈلى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر چوغلۇق گۈلى دېڭىزىدا گۈل سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 24-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان كەيپىڭ كۆلى باغچىسى مەنزىرىسى.

شاتتىق قايرات فوتوسى

    ئارام ئالىدىغان شىپاڭلارغا دەرەخلەر قويۇق سايە تاشلىغان بولۇپ، پىيادە مېڭىپ چېنىقىش يولى ئىنتايىن زامانىۋى ئىدى، دەل-دەرەخلەر بىلەن سۇلار ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئۆزگىچە گۈزەللىكنى نامايان قىلغانىدى. 5-ئايدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىكى كەيپىڭ كۆلى باغچىسى دەريا يولى مەنزىرە بەلبېغى ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى بەرپا قىلىش ئاساسىدا، بوش يەرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، گۈل-گىياھلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلغان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. 

​5-ئاينىڭ 24-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان كەيپىڭ كۆلى باغچىسى مەنزىرىسى.

شاتتىق قايرات فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.