تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[يېڭى ياشلار] بوران ـ چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ ھاسىلاتقا ئېرىشىش

ۋاڭ لياڭجې:

بوران ـ چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ ھاسىلاتقا ئېرىشىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن، قارا رەڭلىك قوش ئاسمىلىق سومكا ئېسىۋالغان جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى ۋاڭ لياڭجېنىڭ سىيماسىنى ناھايىتى ئاسانلا پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى. سومكىغا خەرىتە، چېرتيوژ ۋە ماتېرىياللار قاچىلانغان بولۇپ، بۇ قېلىن بىر دۆۋە قەغەز ئۇنىڭ خىزمىتىدىكى ياخشى ياردەمچى ئىدى.

ۋاڭ لياڭجې سەنشى جىنجۇڭدىن، 2020 ـ يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى بايلىق چارلاش قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن. شۇ يىلى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 118 كىشى شىنجاڭدا قېلىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەنىدى.

باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، ۋاڭ لياڭجې خىزمەت ئورنىغا چىقىپ، نېفىت قۇدۇقىنى نەق مەيداندا باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى. قىش پەسلىدە، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى نۆلدىن تۆۋەن 20 ـ 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قار ـ شىۋىرغانغا قارىماي ھەربىر قۇدۇقنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوقۇپ چىقاتتى ۋە خاتىرىلەيتتى. ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرگەندە، تار ئورۇن ياكى پەس جايغا يولۇققاندا قار ـ مۇزدا يېتىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەنلىكتىن، دائىم توڭلىغىنىدىن پۇت ـ قوللىرى قېتىشىپ قالاتتى.

قۇدۇق رايونىدا خام نېفىت تەركىبىدە موم مىقدارى يۇقىرى، يەر قاتلىمىنىڭ بېسىمى چوڭ بولۇپ، ۋاڭ لياڭجې ۋە خىزمەتداشلىرى دائىم ماينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلاتتى. تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، دەسلەپتە ئۇ موم بىلەن توسۇلۇشى ئېغىر بولغان قۇدۇقلارنىڭ ماي پۈركۈش ئېغىزىنى ئالماشتۇرغاندا ھەمىشە چاچراپ چىققان مايدا پۈتۈن بەدىنى ماي دېغى بولۇپ كېتەتتى.

مەشغۇلات رايونىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە نەق مەيدان قانۇنىيىتىنى تېزدىن ئىگىلەش ئۈچۈن، ۋاڭ لياڭجې لىق ماتېرىيال قاچىلانغان سومكىنى كۆتۈرۈپ، ھەرۋاقىت تەرتىپ خەرىتىسى ۋە ماتېرىياللارنى چىقىرىپ نەق مەيداندىكى ئۈسكۈنىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن جايلارنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ھەم پېشقەدەملەردىن سوراپ، تاكى چۈشىنىپ تېگىگە يەتكىچە ئۆگەندى.

ۋاڭ لياڭجې قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان «سىلانېتس مېيى گورىزونتال قۇدۇقى گېئولوگىيەلىك يېتەكلەش تېخنىكىسى»نى ئۆزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى قىلدى. ئۇ قۇرۇقلۇق فاتسىيە سىلانېتس مېيى ساقلاش قەۋىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى، قۇدۇق خاتىرىلەش، قۇدۇق ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇرغۇن كىتابنى ئوقۇپ، گورىزونتال قۇدۇق ئىزىدىن ئەگىشىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، نەق مەيداندا سېلىشتۇرۇلغان ماتېرىياللارنى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە خاتىرىلەپ، پېشقەدەملەرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، سىلانېتس مېيى ساقلاش قەۋىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتى.

چۆللۈكتىكى نېفىتلىكتە تۇرۇۋاتقان ۋاڭ لياڭجېنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىراتى خىزمەتنىڭ جاپالىقلىقى ۋە مەنىسىزلىكى ئەمەس، بەلكى «ۋاقىتنىڭ يېتىشمەسلىكى» ئىدى. «ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىم بەك كۆپ، زاپاس ساقلاش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش كېرەك، يەنە قۇرۇلۇشتىكى بۇرغىلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش كېرەك» دېدى ۋاڭ لياڭجې.

ۋاڭ لياڭجېنىڭ ھازىرقى ئىش ئورنى خۇددى نەق مەيدان بىلەن تەدبىرنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ، نەق مەيداندا قايتما ئىنكاس قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، ھەربىر قۇدۇقنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يېتىدىغان ـ يەتمەيدىغانلىقى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلىدۇ، يەنە يوشۇرۇن كۈچى تەھلىل قىلىنىدۇ. ھەربىر قۇدۇق ئىنتايىن مۇھىم، ھەربىر مەسىلىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ يان تېلېفون قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى باشتىن ـ ئاخىر ئەڭ يۇقىرى قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندىكى ھەر خىل مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرىدۇ.

«نەق مەيدان سانلىق مەلۇماتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش بىزنىڭ نەق مەيدان بىلەن تېخىمۇ تېز پىششىق تونۇشۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ، سىز ئۇنى پىششىق بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇنى قوغدىيالايسىز.» ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىش، نېفىت زاپىسىنى تەھلىل قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش، چارلاش ـ ئېچىش... ۋاڭ لياڭجې تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىدى.

«باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى مېنى قىيىنچىلىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىزچىل ئىلھاملاندۇردى» دېدى ۋاڭ لياڭجې. نېفىتلىك ئاساسىي قاتلىمىدا، پىشىپ يېتىلمىگەن ئوقۇغۇچىدىن لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇشقىچە، قەغەز ئۈستىدىكى نەزەرىيەدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكىچە، ئۇ نۇرغۇن جاپالىق چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھەربىر قەدەمنى ناھايىتى پۇختا باستى.

2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، ۋاڭ لياڭجې ئاساسلىق مەسئۇل بولۇپ قاتناشقان پەن ـ تېخنىكا تۈرى مەشغۇلات رايونىنىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «<ۋەتىنىمىز ئۈچۈن نېفىت تەقدىم قىلىش> دەل مېنىڭ ئارزۇيۇم. ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ماڭىدىغان يول تېخى ناھايىتى ئۇزۇن، مەن ئىشنى ئەمدى باشلىدىم» دېدى ئۇ.

ۋاڭ لياڭجېنىڭ نېفىتلىكنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، شۇنداقلا ئۆزىگىمۇ تولۇق ئىشەنچى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن كېيىن پەخىرلەنگەن ھالدا «بۇ قۇدۇقلار بالىلىرىمغا ئوخشايدۇ، ئۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن» دېيىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.