ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى
كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىمىز
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى سەھىپە پۈتىمىز. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ھەقىقىي تۈردە كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى):
تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتىمىز
5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە تۈزدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە، بىرىنچى سائەتلىك دەرس قىلىپ، تەربىيەلەش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، مەكتەپ(شۆيۈەن)تىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ تەربىيەلەش كېرەك. ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھى بويىچە ئوقۇتۇش مەخسۇس تېمىسىدا كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش ۋە مەخسۇس تېمىدا سىناق تەرىقىسىدە لېكسىيە سۆزلەشنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھى بويىچە ئوقۇتۇش مەخسۇس تېمىسى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئاساسلىق سىنىپلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك. مەخسۇس تېما، دەرس تېمىسى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش، نەزەرىيە جەھەتتىن بايان قىلىش ـ ئىزاھلاش ۋە تەشۋىق قىلىش ـ چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىنى يېزىشقا تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى نەزەرىيە جەھەتتىن بايان قىلىش ـ ئىزاھلاش ۋە ئىلمىي پىرىنسىپ بويىچە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىڭ كۆزلەپ، مەكتەپ (شۆيۈەن)تەتقىقات ئاپپاراتى، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى، كەڭلىك دەرىجىسىگە ئىگە بىر تۈركۈم مەسلىھەت بېرىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى:
ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن ـ تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز
5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پەن ـ تېخنىكا سىستېمىسى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتى ۋە «قابىللار باشلامچى بولۇش» «بەيگىگە چۈشۈش» تۈزۈمى تۈرىنى يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ رايون ئىچى ـ سىرتىدىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش قاتارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى تەشكىللىشىنى قوللاپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يولغا قويۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ دۆلەت پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش ـ ئايلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن ـ تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى:
قانۇنچىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز
5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»كە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىختىساسلىقلار، كادىرلار ئىشلىرى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(مۇخبىر يۈ شى، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، شيې خۇيبيەن، جاۋ شىيا، سۇ لۇپىڭ، لى لىن)