تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى​

تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى:

تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، شەھەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشىنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ ساھەگە ئايرىپ، مەخسۇس تېما بويىچە چوڭقۇر مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ئورنىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسەت تۈزۈش، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نامايان قىلىشى كېرەك.

سانجى ئوبلاستى:

ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پىلانلاپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي قوغداپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانجى ئوبلاستى جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ، سانلىق مەلۇماتلارنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پۈتۈن ئوبلاست ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە تېخىمۇ ياخشى ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ھەم مۇھىم، زور تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەم ئوتتۇرا، كىچىك تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈر سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى كېرەك. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كەسىپ ھەم بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تۈر ئامبىرىنى تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ «بارلىق خادىملار كەڭ كۆلەمدە سودىگەر چاقىرىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلىشى كېرەك.

ئاقسۇ ۋىلايىتى:

ئۆگىنىش بىلەن تەتبىقلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان 13 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «ئونغا كۈچەش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۆت بەنزىنىڭ رەھبەرلىرى بىر قەدەم ئاۋۋال ئۆگىنىشى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، پۇختا بولۇشقا تۈرتكە بولۇشى؛ تەشكىلات تارماقلىرى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تۈرلۈك كۇرسلارنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ يېتەكلىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ تەتقىق قىلىپ، تېزدىن تىزىملىك تۈزۈپ، تەدبىرلەرنى تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كونكرېت لايىھەسى تۈزۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو چيەن، گې يوۋجۈن، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شيا، ۋاڭ شىيىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.