تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، 2 - قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيى يېقىندا پۈتۈپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، مۇزېينىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

2 - قارارلىق يېڭى ساراينىڭ پۈتۈپ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭىيىپ، 49 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەككە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى مۇلازىمەت رايونى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاش رايونى %70تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇزېيغا كېلىپ، 2 - قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: مۇزېي ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم ساراي، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. ساراي ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، قوغداش، ساقلانما بۇيۇملارنى قوغداش، تەتقىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە ھەقسىز ئېچىۋېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇتۇپ، «ئالاقە تورى+تېخنىكا»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارقىتىش يولى ۋە شەكلىنى كېڭەيتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن مۇزېي ئەقىل - پاراسىتى، مۇزېي كۈچىنى تەقدىم قىلىش كېرەك.

2 - قارارلىق يېڭى سارايدا «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، بۇ كۆرگەزمە چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋر، غەربىي خەن ۋە شەرقىي خەن سۇلالىلىرى دەۋرى، ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى، بەش دەۋر، سۇڭ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرى، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرى قاتارلىق يەتتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىنى تومۇر قىلىپ، ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 1570 پارچە (گۇرۇپپا) مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، بۇلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىقلار بار، يەنە لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش قاتارلىق يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى بايقاشلار بار. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ھەربىر قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئارىلاپ سورىدى، ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: تارىخ جانلىق بولىدۇ، ئومۇمىي تارىخ، مەخسۇس تارىخنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەتقىق قىلىش كېرەك، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەتقىق قىلىش - بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت ساقلانما يادىكارلىقلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان زېمىندىكى مىراسلار، قەدىمىي كىتابلاردا خاتىرىلەنگەن يېزىقلارنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخىي ئەقىل - پاراسەتنى خەلققە ئېيتىپ بېرىپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ ياخشى گۇۋاھچى، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى يۈكلەنگەن. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش - بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە نامايان قىلىش، تارقىتىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقانلىق، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغانلىق تارىخىي جەريانىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان ھېسسىيات رىشتىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.