تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى:

ئومۇمىي يىغىننىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە بازىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ساقلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى:

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر كۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىندا تەسۋىرلەنگەن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى:

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مالىيە تارماقلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تەرەققىياتنى پىلانلاشتىكى خىزمەت پىكىر يولىغا، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسەت - تەدبىرگە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا توغرىلىنىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ، نەتىجىلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مالىيە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مالىيەنى كۆپەيتىش، مالىيەنى توپلاش، مالىيەنى باشقۇرۇش، مالىيەنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيەنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇختا مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، تەلىپىگە توغرىلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئومۇمىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بارلىق كادىرلار «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، تەلىپىگە توغرىلىنىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال نەتىجە يارىتىپ، تېجەشچان ئورگان قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بەلگىلەش، چەك - چېگرا بەلگىلەش كېرەك. رەقەملەشكەن تەپەككۇرنى پائال تۇرغۇزۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايون ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن ئورگان ئىشلىرى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

(مۇخبىر يۈ شى، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، ۋېي خۇڭپىڭ، رەن خۇ، مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ يىڭخۇا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.