تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇملۇق نېفىتلىكىدە ياشلىق باھارىمنى جۇلالاندۇرىمەن

ۋېي پېڭفېي:

قۇملۇق نېفىتلىكىدە ياشلىق باھارىمنى جۇلالاندۇرىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«خىزمەتكە قاتناشقان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، مەن ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشىمنى تاپتىم.» ۋېي پېڭفېي مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىپايان قۇملۇق نېفىتلىكىدە يېڭى كىشىلىك ھاياتىمنى باشلىدىم.

ۋېي پېڭفېي خېبېي شىجياجۇاڭلىق بولۇپ، 2020 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ نېفىت قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزدى. ئۇ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ شىنجاڭدا قېلىپ، كۇچا شەھىرى تارىم يېزىسىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى نېفىت ئېلىش 3 - زاۋۇتىغا كېلىپ خىزمەتكە چۈشتى.

ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020 - يىلى شىنجاڭدا قېلىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغان جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى پۈتكۈزگەن 118 ئوقۇغۇچىغا يازغان جاۋاب خەت ئىدى. ۋېي پېڭفېي ئوقۇش پۈتكۈزگەن 118 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، باش شۇجىنىڭ ئۈمىد سۆزىنى خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى بېتىگە يېزىۋالغانىدى، ھەر قېتىم كەسىپتە قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندە ئۇ باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئوقۇپ چىقاتتى، ئاندىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىپ، غەيرىتى تولۇپ تاشاتتى.

«ھەر كۈنى بىپايان سېرىق قۇملۇق ۋە كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكتە ئىشلەپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىرئاز زېرىكىشلىك ۋە يالغۇزلۇق ھېس قىلدىم، بىراق مەن كۆنۈپ كەتتىم.» ۋېي پېڭفېي مۇنداق دېدى: نېفىتلىكتىكىلەر ئادىمىيەت غەمخورلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن، مەن ناھايىتى تېزلا كوللېكتىپقا سىڭىشىپ، بۇ جايدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا ماسلىشىپ كەتتىم.

داشۆدىكى تۆت يىلدا، ۋېي پېڭفېيدا شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا نىسبەتەن ئالاھىدە ھېسسىيات پەيدا بولدى، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق ئۇنىڭ نەزەرىدە چەكسىز مۇمكىنچىلىككە تولغانىدى. «نېفىت كەسپىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن نېفىتلىك ئەڭ كۆپ جاينى تاللىغۇم كەلدى، كەلگۈسىدە ئەڭ ئىستىقباللىق جاي دەل شىنجاڭ» دېدى ئۇ.

ۋېي پېڭفېي قۇدۇق رېمونت قىلىش مەشغۇلات لايىھەسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولدى. ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقاندا بىر پارچە قۇرۇلۇش لايىھە پىلانىنى قولىغا ئېلىپ، مۇھىم نۇقتا، خەۋپ - خەتەر ۋە ئۆزگەرتىش يۆنىلىشىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەسلىكتىن، بۈگۈنكى كۈندە نېفىت قۇدۇقىغا قارىتا ئۆزىدە ئىشەنچ پەيدا بولۇشقىچە، ئۇ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى.

ئىشخانىسى گەرچە پەن تەتقىقات بىناسىدا بولسىمۇ، ۋېي پېڭفېي دائىم قۇدۇققا باراتتى، ھازىر ئۇ 500دىن ئارتۇق قۇدۇققا بېرىپ بولدى. بۇلتۇر جۇڭچيۇ بايرىمىدا، زاۋۇتتا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، تاماقلارمۇ مول بولدى، ۋېي پېڭفېي بايرامنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، بىر قۇدۇقتا مەسىلە كۆرۈلگەچكە، ئۇ خىزمەتدىشى بىلەن نەق مەيدانغا بېرىپ، يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش ئىشلەپ ئاندىن خىزمەتنى تاماملىدى، ئۇلار دالىدا قۇرۇق نان يەپ تولۇن ئاينىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.

«ئېسىمدە قېلىشىچە يېڭى پىراكتىكا قىلغان ۋاقتىمدا، بۇرغىلاش ئەترىتى نەق مەيدانىدا تېخنىك خادىملارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سائەت ئالتىدىن سائەت 24كىچە ئالدىراش ئىشلىگەنلىكىنى، ئۈستبېشىنىڭ ماي بولۇپ كەتكەنلىكىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولۇپ، ناھايىتى خۇشال كۈلگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم.» ۋېي پېڭفېي مۇنداق دېدى: بۇرغىلاش سۇپىسى ناھايىتى ئېگىز، ھاۋا سوغۇق، شامال كۈچلۈك بولسىمۇ، تېخنىك خادىملار ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىققا تولغان بۇ كۆرۈنۈش مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەنىدى، بۇنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن.

«دادىللىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش» ھەر كۈنى زاۋۇتقا كىرىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كۆرگەندە، ۋېي پېڭفېي ناھايىتى ئىلھاملىنىدۇ. پېشقەدەملەرگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، روھىنى ئۆگىنىش، كوللېكتىپقا ئەگىشىپ دادىل يېڭىلىق يارىتىش، پۇختا ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قۇدۇق رېمونت قىلغاندا، قۇرۇلۇش قىلغاندا ئىلمىي لايىھە بىلەن تېخىمۇ تېز ھالدا نېفىت قۇدۇقىنى ساغلام، مۇقىم ئايلىنىش دەۋرىيلىكىگە ئىگە قىلىش ئۇنىڭغا بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن مەنىلىك ھېس قىلدۇردى.

قۇدۇق سىلىندىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا چوڭ تاش دانچىلىرىنى چىقىرىۋېتىش تەس بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆپ قېتىم مەشغۇلات نەق مەيدانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ ئادەمسىز قۇملۇق رايونىدىكى ئاددىيغىنا ئۆيدە ئىشچى ئۇستاملار بىلەن تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا بىللە بولۇپ، شۇ بارغىنىچە ئون نەچچە كۈن تۇردى.

بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ۋېي پېڭفېي تۇرۇشلۇق كوللېكتىپ لايىھەلەپ، ياخشىلىغان يېڭى ھۈنەر - سەنئەت − چىشلىق چاق ئۈشكىسى ئەسلىدىكى ئىككى ئايدىن كۆپرەك قۇدۇق رېمونت قىلىش دەۋرىيلىكىنى 20 كۈنگە قىسقارتتى، ئاشۇرۇلغان ئۈنۈم 1 مىليون يۈەنگە يېقىن بولدى، ئۇ تۇرۇشلۇق بۆلۈم ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئاۋانگارتى بولۇپ باھالاندى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى كىتابتىن باش كۆتۈرمەيدىغان ۋېي پېڭفېينى ئەمەلىيەتچان، چىدامچان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ، ياشلىقتىكى ئەڭ گۈزەل چاغلارنى قەيەرگە بېغىشلاشنى بەلگىلەيدۇ. ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش ۋېي پېڭفېينىڭ تاللىشى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى كۆپچىلىكنىڭ تاللىشىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە خىزمەت ئورنۇمدا ياشلىق باھارىمنى بېغىشلاش مەن ئۈچۈن زور بەخت.

«20 يىلدىن كېيىنكى ئۆزۈمنىڭ غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ مۇنبەت تۇپراقتا تۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۆزۈمگە <ئەينى يىللاردىكى تاللىشىڭغا رەھمەت> دېيەلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن»، بۇ، ۋېي پېڭفېينىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.