تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش زىچ چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ مەزمۇنى بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىندى، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ، مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش دەرسخانىسىغا، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش پونكىتلىرىغا كىرگۈزۈشكە تېزدىن تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى دەرھال بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.