تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى​

ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى:

شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ئۈچۈن سىياسىي - قانۇن كۈچىنى قوشۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىلاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئېنىق تونۇپ، نىشان، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن سىياسىي - قانۇن كۈچىنى قوشۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىدا قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلاش كېرەك. سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يېڭى مۇساپىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ئەمەلىي خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 13 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە «X+N+1» خىزمەت تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەتتە ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلانغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يولنى پىلانلاپ بەردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، قانۇنچىللىق ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، نېفىت، نېفىت - خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللار، رەڭلىك مېتال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق توققۇز چوڭ كەسىپنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى:

ئۆگىنىش بىلەن تەتبىقلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق بەلگىلەنگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كېرەك

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئۆگىنىش بىلەن تەتبىقلاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تولۇپ - تاشقان غەيرەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىگە ئايلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

(مۇخبىر سۈي يۈنيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، ما يىنىڭ، ۋاڭ يايۈن، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ كېجىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.