تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

سۈرەتلىك ھېكايە | بەختلىك كۈن كۈرەش قىلىشقا باغلىق

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شو) 5- ئاينىڭ 6- كۈنى، «1- ماي»لىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئاياغلىشىشى بىلەن، ھەسەنجان ئابدۇللا ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)دىكى شىنجاڭ جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىق- بوياقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يىپ ئېگىرىش سېخىغا قايتىپ كېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

   ھەسەنجان ئابدۇللا ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى ئاچال بازىرى تۇرا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بەش يىل ئىلگىرى، ئۇ ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى شىنجاڭ جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىق- بوياقچىلىق چەكلىك شىركىتىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، ئادەتتىكى سانائەت ئىشچىسىدىن شىركەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىسى بولغىچە، ئۇ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ مۇكەممەل ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  5- ئاينىڭ 6-كۈنى، ھەسەنجان(كۆك رەڭلىك قىسقا يەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن) ئىشداشلىرى بىلەن بىللە زاۋۇتتىن چىقماقتا.

  5- ئاينىڭ 5- كۈنى، «1- ماي» لىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، ھەسەنجان خوتۇنىنى ئېلىپ ئاقسۇ توقۇمىچىلىق شەھەرچىسىگە بېرىپ ئۆي كۆرۈپ، ئاتا- ئانىسىغا بىر يۈرۈش ئېلىپ بەرمەكچى بولدى.

   بۇ يىل 3- ئايدا، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ھەسەنجان ئابدۇللا شىركەت تەرىپىدىن يىپ ئېگىرىش سېخىنىڭ بەنجاڭلىقىغا ئۆستۈرۈلدى، مائاشىمۇ ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان چاغدىكى 2000 يۈەندىن 5800 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

   ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچىدىن شىركەتتىكى باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىش، مەيلى كەسپىي بىلىمى ياكى باشقۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتە بولسۇن، ھەسەنجان ئابدۇللا ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر يېڭى رىقابەت، «ۋەزىپەم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، بېسىمىم تېخىمۇ ئاشتى، مەن ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە غەيرەت بىلەن ئىشلەيمەن» دېدى ھەسەنجان ئابدۇللا.

  5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ھەسەنجان خوتۇنى بىلەن توقۇمىچىلىق شەھەرچىسى 1- باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئەمدىلا مەكتەپتىن قايتقان قىزى ئەسما ھەسەنجاننى ئالغىلى باردى.

  5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ھەسەنجان سېختا ئېگىرىلگەن يىپ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

  5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ھەسەنجان ئائىلىسىدىكىلەر ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق يېدى.

  5- ئاينىڭ 8- كۈنى، ھەسەنجان خوتۇنى بىلەن بۇ يىل يېڭىدىن سېتىۋالغان يېڭى ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرمەكتە.

   بەنگە يېڭى خىزمەتچى كەلسە، ھەسەنجان ئابدۇللا سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بېرىپ تەربىيەلىدى، ھېچنىمىنى ئاياپ قالمىدى، ئۇ تەربىيەلىگەن يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا چىقتى.

   بۈگۈنكى كۈندە، ھەسەنجان ئابدۇللا شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ خوتۇنى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان بولدى، بالىسى توقۇمىچىلىق شەھەرچىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 2- ئايدا، ھەسەنجان توقۇمىچىلىق شەھەرچىسىدىن ئۆزىگە تەۋە بىنا ئۆي سېتىۋالدى.

   شىنجاڭ جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىق- بوياقچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، نۇرغۇن كىشى ھەسەنجان ئابدۇللاغا ئوخشاش ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئۆزىگە تەۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى «پىششىقلىدى».

   بۇ شىركەت بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، 1- ئايدىن 3- ئايغىچە 236 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 278 كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  5- ئاينىڭ 8- كۈنى، ھەسەنجان (ئوڭدا) سېختا يېڭى خىزمەتچىلەرگە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  5- ئاينىڭ 10- كۈنى، ھەسەنجان شىركەت بويىچە 2021- يىللىق ئىلغار شەخس نامىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.