تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئەڭ جاپالىق جايغا بېرىپ ياشلىق باھارىمنى ئۇرغۇتىمەن

دەي دۇڭيۈەن:

​ئەڭ جاپالىق جايغا بېرىپ ياشلىق باھارىمنى ئۇرغۇتىمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«دەي دادام كەلدى!» 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دەي دۇڭيۈەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئەلىسەم ئۆمەرنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئەلىسەمنىڭ ئالتە ياشلىق نەۋرىسى دەي دۇڭيۈەننى قۇچاقلىۋالدى. ئاۋازنى ئاڭلاپ چىققان ئەلىسەم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شياۋدەي شۇجى، سىز شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپسىز، تېز ئۆيگە كىرىپ ئۇسسۇلۇق ئىچىۋېلىڭ!»

«شياۋدەي شۇجى» كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دەي دۇڭيۈەن. بۇ مەزگىلدە، كۆكتات پارنىكى، كېۋەزلىك، ئۆرۈكلۈك باغ، باقمىچىلىق بازىسى، تۈر قۇرۇلۇشى ئىش ئورنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە يۇرتداشلار ياز كىرىشى بىلەنلا قارىداپ كەتكەن «شياۋدەي شۇجى»نىڭ ھەر كۈنى ئۇياق - بۇياققا قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇردى.

2012 - يىلى 7 - ئايدا، جۇڭنەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن دەي دۇڭيۈەن بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىشنى تاللىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كۇچاغا كېلىپ خىزمەت قىلدى، رەھبەرلەر ئۇنىڭدىن خىزمەت ئورنىغا قانداق تەلىپى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «مەن تېغى ياش، جاپالىق جايلارغا بېرىپ ئۆزۈمنى چېنىقتۇرغۇم بار» دەپ جاۋاب بەردى.

دەي دۇڭيۈەن كۇچا شەھەر رايونىدىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالاقاغا بازىرىغا تەقسىم قىلىندى. ئەينى چاغدا، پۈتۈن بازاردا ئالتە ئېغىر نامرات كەنت بار ئىدى. قىشتا ئۆيدىن سىرتقا چىققاندا سوغۇق شامال نەشتەردەك ئۇرۇلاتتى، سۇ تۇرۇبىسى توڭلاپ قالاتتى، ھەمراھلىرى بىلەن ئون كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ياتاقتا تۇرىدىغان دەي دۇڭيۈەن پىيادە 15 مىنۇتتا بارغىلى بولىدىغان يەردىن سۇ ئەكېلەتتى.

بازارلىق ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىش بېجىرگۈچىسى، پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى ياردەمچىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان دەي دۇڭيۈەن ئالاقاغا بازىرىدا بىرقانچە ئىش ئورنىدا ئىزچىل چېنىقىپ، ئالاقاغا بازىرى بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بۇ يەردىكى ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى. «ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىش» «ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، باشقىلارنى يورۇتۇش» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش»، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ چىڭ تۇرىدىغان ئاساسىي مەقسەت، ئىنتىلىدىغان مەنزىل ۋە كۈرەش قىلىدىغان نىشان.

ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقاندا، ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى بولغان ھامان، ئۇ ۋېلىسىپىتكە مىنىپ، كەنتلەرنى بىرمۇبىر ئايلىنىپ چىقاتتى. بىر ئايدىن كېيىن، بازاردىكى كادىرلار ھەربىر كەنتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا، دەي دۇڭيۈەن ھەربىر كەنتتە قانچىلىك ئادەم، قانچىلىك يەر بارلىقىنى، قانداق قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بەردى.

«<شياۋدەي شۇجى> جان - دىل بىلەن ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى كادىر» دېدى ئالاقاغا بازىرى ئويتوغراق كەنتىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى يۈ گۇاڭچىن دەي دۇڭيۈەنگە باھا بېرىپ.

تۇيۇقسىز ياغقان مۆلدۈر يۈ گۇاڭچىننىڭ 170 مو كېۋەزلىكىنى زىيانغا ئۇچراتتى، ئۇ قاتتىق ئازابلانغان ھالدا «شياۋدەي شۇجى»غا تېلېفون قىلدى. دەي دۇڭيۈەن ناھايىتى تېزلا كېۋەزلىككە يېتىپ كېلىپ، بىر مو بىر مودىن كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ دەرھال يېزا ئىگىلىكى، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلەشتى، يۈ گۇاڭچىن ناھايىتى تېزلا سۇغۇرتا تۆلىمى ئالدى.

2018 - يىلى 2 - ئايدا، دەي دۇڭيۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگاندىكى ئورۇنغا كىرىپ خىزمەت قىلدى. ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاللىسىدا ھەمىشە ئالاقاغا بازىرىدا خىزمەت قىلغاندىكى كۆرۈنۈش نامايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەبەسسۇمى ئەكس ئەتتى. «مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىمەن» دېدى دەي دۇڭيۈەن. بۇ ۋاقىت، دەل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناققا كىرگەن، ئاساسىي قاتلامدا ئىختىساسلىقلار جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقان چاغ بولۇپ، دەي دۇڭيۈەن يەنە ئالاقاغا بازىرىغا قايتىپ كەلدى.

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، دەي دۇڭيۈەن مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر» بولۇپ باھالاندى. 2021 - يىلى 2 - ئايدا، ئالاقاغا بازارلىق پارتىيە كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.