تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتىن ئىبارەت.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، بۇرچ، مۇھىم ۋەزىپىنى يەردە قويماي، يېڭى مۇساپىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا 13 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: بىرىنچى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. سىياسەت ـ تەدبىرلەر ۋە شەكىل ـ ئۇسۇللارنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى تەۋرەنمەي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچى، قانۇنچىللىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، تاشقى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق شىنجاڭ ساداسىنى تارقىتىپ، «كىرگۈزۈش» ئارقىلىق ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «چىقىرىش» ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىش ـ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى تەربىيەسى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ۋاسىتىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي ئىلىم ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەتتىنچى، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكىنىڭ يېتەكلەش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، خەۋەرلىشىش، شەھەر ـ بازار قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد تۈزۈلمىسى تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توققۇزىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۇللۇق كاپالەت قۇرۇلۇشى قىلىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ھالقىغان مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى تەڭشەش ـ ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئونىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك مۇداپىئە تورىنى زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك. ئون بىرىنچى، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئون ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللىك رولى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئون ئۈچىنچى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئارقىلىق ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، مالىيە كۈچىنى تەقسىملەش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەتتە مۇقىم ئېشىش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى، ئېچىۋېتىلگەن سۇپا قۇرۇلۇشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مالىيە ـ پۇل مۇئامىلە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ساقلاپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 74 ئەزاسى، 15 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى، ناھىيە، شەھەر، رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.