تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارىنى ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش

− «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر»دىن سۈي جيۇشيۇ توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال بازىرىدىكى خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرى قۇرۇلۇش ئورنىدا، قىسقا چاچ قويغان، كۆڭلەك كىيگەن سۈي جيۇشيۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئامما بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى.

يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ 20 نەپەر 2021 ـ يىللىق «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى، كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈي جيۇشيۇ بۇ تىزىملىككە كىردى.

سەككىز يىل جەريانىدا، يىمېڭشەن تاغلىق رايونىدىن چىققان قىزچاقتىن قۇملۇق، چۆللۈكتە يىلتىز تارتقان «شياۋسۈيگۈل»گىچە، سۈي جيۇشيۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى، ئۇ ھاياتىنى مەنىلىك، شۇنداقلا ئۇنتۇلغۇسىز ھېس قىلدى، «چۈنكى، مەن ھەربىر كۈندە بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم».

ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش

«كوناشەھەر ناھىيەسىدە تۇرغان بۇ يىللاردا، مەن كۈرەش قىلىشنىڭ ياشلىق باھاردىكى ئەڭ يارقىن ئاساسىي رەڭ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندىم» دېدى سۈي جيۇشيۇ.

2014 ـ يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سۈي جيۇشيۇ قىلچە ئىككىلەنمەي شىنجاڭنى تاللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى، يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بىر ياشقا ئايلاندى.

ھەممە يەرنى سېرىق قۇم قاپلىغان جەنۇبىي شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە، تەبىئىي مۇھىتى جاپالىق بولۇش، تىل ئالاقە راۋان بولماسلىق، يېمەك ـ ئىچمەككە كۆنەلمەسلىك... ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ناتونۇشلۇق ھېسسىياتى شۇ چاغدا ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن سۈي جيۇشيۇنى سەل قىيناپ قويدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سۈي جيۇشيۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى، ۋاقتى بولسىلا ئامما بىلەن پاراڭلاشتى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئامما بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى.

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى سايباغ مەھەللىسىدە 1 ـ شۇجى بولغان مەزگىلدە، سۈي جيۇشيۇنىڭ قىلغان تۇنجى ئىشى ھەربىر ئاھالىگە بىر كونۋېرت تارقىتىش بولدى، ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىسىم ـ فامىلىسى، ۋەزىپىسى ۋە تېلېفون نومۇرى يېزىلغانىدى، «بىرى، كۆپچىلىك بىلەن تونۇشۇۋېلىش ئۈچۈن، يەنە بىرى، كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا ماڭا ئېيتىشى ئۈچۈن».

تارقىتىلغان كونۋېرت يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئومۇمەن مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ھەل قىلالايدىغانلىرىنى ئۇ دەرھال قوبۇل قىلىپ بېجىردى؛ ھەل قىلالمايدىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدى ھەمدە جاۋاب بەردى.

كىيىم ـ كېچەك تىكىشكە ماھىر بىر ئاھالە سۈي جيۇشيۇغا ئىگىلىك تىكلەپ تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچماقچى بولغانلىقىنى، ئورۇن ۋە مەبلەغدىن قىينالغانلىقىنى ئېيتتى. سۈي جيۇشيۇ مەھەللە كادىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بىر ئىشخانىنى ئاجرىتىپ، ئۇنىڭغا ھەقسىز بەردى ھەم ئۇنىڭ كىيىم ـ كېچەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«كىيىم ـ كېچەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۇنجى قېتىم مائاش تارقاتقاندا، كۆپچىلىك ئىنتايىن خۇشال بولدى، ھەم ناخشا ئېيتىپ، ھەم ئۇسسۇل ئويناپ خېلى كەچكىچە ئوينىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئاشتى.» سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى يېقىملىق قىلىپ «شياۋسۈيگۈل» دەپ چاقىرىشىدۇ.

كۈرەش قىلىش داۋامىدا قالتىس كىشىلىك ھايات يارىتىش

ئوپال بازىرى پامىر ئېگىزلىكىگە بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، قەدىمكى زاماندا بۇ يەر ئىنتايىن مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. ئۆتەڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سۈي جيۇشيۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرى بەرپا قىلدى.

«سۈي شۇجىنى ئاجىز دەپ قالماڭ، ئۇ كۆپچىلىكنى بېيىشقا يېتەكلىگەندە ناھايىتى جاسارەتلىك» دېدى ئوپال بازىرىنىڭ كادىرى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتى ھېسابلىنىدىكەن.

«ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى، مەززىلىك تائاملار كوچىسى قۇرۇلۇشى جىددىي ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.» سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئارامگاھى، خاس ماروژنىخانىلار بېزىلىۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرى قۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى.

قانداق قىلغاندا ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ شۇ چاغدىكى كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەيدان باشلىقى سۈي جيۇشيۇنىڭ قارىشىچە، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنى «كۆك ـ تاق» «مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى» «چوڭ مېۋە پەتنۇسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەرەققىيات يولى ئىدى.

سۈي جيۇشيۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى 1000 مو يەرنى ئىككى باشلامچى كارخانىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. كەنت ئاھالىلىرى ھەر مو يەردىن ھەر يىلى 1000 يۈەن يەر ئوبوروت پۇلىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قولى بوشاپ، ئىشلىدى، ئىگىلىك تىكلىدى.

«ھەر كۈنى قانداق قىلغاندا كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەمىشە باش قاتۇرىمەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا تۈگىمەس كۈچ بار، ھەمىشە ۋاقىت يېتىشمەيۋاتقاندەكلا ھېس قىلىمەن.» سۈي جيۇشيۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھەربىر كۈنى ناھايىتى «قايناق» ئۆتىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇنىڭدىن خۇشال ئىدى.

«مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى ۋە خۇشال قىلغىنى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش جەريانىغا قاتنىشىش بولدى.» سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىدى، خىزمەت ئورنى بار بولدى، مەن ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ بۇلتۇرقى كىشى بېشى يىللىق ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى».

ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش

تۇنساخان سۇلايمان موماي سۈي جيۇشيۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئىدى، ئۇنىڭ ئېرى پالەچ بولۇپ ئورنىدا يېتىپ قالغان، قىزىنىڭ روھىي كېسىلى بار ئىدى. سۈي جيۇشيۇ ۋاقتى بولسىلا تۇنساخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ كېلەتتى.

«تۇنساخان موماينى كۆرسەملا بوۋام ئېسىمگە كېلىدۇ.» سۈي جيۇشيۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۆيدىن ئايرىلغاندا، بوۋىسى بۇغدايلىقنىڭ ئالدىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ئاپتوبۇسقا چىققۇچە قاراپ تۇرغان ئىكەن. ھالبۇكى، بۇغدايلار ئىككى قېتىم ئورۇلۇپ، ئېتىز يەنە بىر قېتىم كۆكلىگەن چاغدا، ئۇ ئۆزىگە تونۇش بولغان بۇ تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلگىنىدە بوۋىسى ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.

2018 ـ يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، سۈي جيۇشيۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى كىنىشكىسىنى ئېلىپ بوۋىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىغا بېرىپ يىغلاپ كەتتى.

بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى باھار بايرىمىدا، سۈي جيۇشيۇ خىزمەت ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، يۇرتىغا قايتماي، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىدى. «گەرچە باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئۆيۈمدىكىلەرنى سېغىنىپ يوشۇرۇن كۆز يېشى قىلغان بولساممۇ، بىراق ھەممە ئۆيلەردە چىراغ نۇرىنىڭ چاقنىغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، چىن قەلبىمدىن پەخىرلەندىم، ئىپتخارلاندىم.» سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: «خىزمەتكە قاتناشقان دەسلەپكى چاغلاردا، دەم ئالغاندا ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ كېلىش ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى، بىراق ھازىر مېنىڭ ئارزۇيۇم ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش».

«ياشلىق باھارىنىڭ سېھرىي كۈچىنى قۇرۇق شاخلار تولۇپتۇ مېۋىگە، قۇملۇقلار ئايلىنىپتۇ بوستانلىققا... دەپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ» بۇ سۈي جيۇشيۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شېئىر بولۇپ، ئۇ پات ـ پات ئوقۇپ ئۆزىگە مەدەت بېرىدۇ.

«تارتقان جاپا ـ مۇشەققەتلەرگە قارىغاندا، مېنىڭ ئېرىشكىنىم كۆپ بولدى.» سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدۇم، ئاممىنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، چېھرىدە تەبەسسۇم بارغانسېرى جىلۋىلەندى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.